گۇاڭدۇڭدا ئىككى كىشىH7N9زۇكۇمى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى

جۇڭشىن تورىنىڭ گۇاڭجۇدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.4-ئاينىڭ2-كۈنى   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك  تازىلىق  كومىتىتى  ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، گۇاڭجۇ  شەھرىدە H7N9زۇكۇمى بىلەن  يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تىزملىكىنى ئاشكارلىدى  ۋە ئىككى  كىشىنىڭ مۇشۇ  زۇكام تۈپەيلى ئۆلگەنلىكىنى  ئېيتتى.

 

يۇقۇملانغۇچى تىيەنXX  ،68  ياش ، ئەر ،  خۇبېي ئۆلكىسى  ۋۇخەن شەھرىدىن، ھازىر گۇاڭجۇ  شەھرى  خەيجۇ رايونىدا،  3-ئاينىڭ31-كۈنى H7N9زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى  ئېنىقلاندى،  ھازىر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر،  گۇاڭجۇ شەھرىدىكى   نۇقتىلىق داۋالاش ئورنىدا داۋالىنىلىۋاتىدۇ.

فوشەن شەھەرلىك شۈندې  رايونى 2-ئاينىڭ23-كۈنى   خۇاڭxxنىڭ   H7Nبىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى دەلىللەنگەن، 3-ئاينىڭ7-كۈنى  بىمارنىڭ نەپەس قىيىنلىشىپ ،3-ئاينىڭ29-كۈنى   قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. تۆۋەندە  h7n9زۇكۇمىغا قايتا  ئېنىقلىما بېرىمىز:

 

ئەڭ بالدۇر بايقالغان قۇش زۇكۇمىغا ئائىت خاتىرە 1878-يىلى ئىتالىيەدە يۈز بەرگەن توخۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئۆلۈپ قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ توخۇ ۋاباسى دەپ ئاتالغان. 1955-يىلىغا كەلگەندە ئالىملار 19-ئەسىردە تارقالغان بۇ يۇقۇمنىڭ ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. كىيىن بۇ خىل يۇقۇملۇق كىسەل قۇش زۇكۇمى دەپ ئاتالغان.


2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يۇقىرى تارقىلىشچان H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى ئەڭ ئالدى بىلەن ئاسىيادا بايقالغان، كىيىنكى بىر نەچچە يىلدا يەنە ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۆلەتلەردە تارالغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قۇش زۇكۇمىنى تىزدىن تونۇشقا باشلىدى. بۇ يىل ئەتىيازدا پارتلىغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى يەنە بىر قىتىم كىشىلەرگە قۇش زۇكۇمىنىڭ ئەزەلدىن بىزدىن يىراق كەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىستاستىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكۇمى دۇنيا مىقياسىدا نەچچە يۈز كىشىنى يۇقۇملاندۇرغان، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 359گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 159كىشى ھىندونېزىيەلىك ئىكەن.

 

H7N9 بىر خىل ئىككىلەمچى قۇش زۇكۇمى بۇلۇپ، ۋىروسنىڭ سىرتقى پەردىسىنى ئىككى قەۋەت قەنت ئاقسىلى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىرى قان ھۆجەيرىسى ئاگگليۇتىن (H)، يەنە بىرى نېۋرامىنىدازا (N). H تىپىدىكىسى يەنە 15 ئىككىلەمچى تىپقا، N تىپىدىكىسى 9 ئىككىلەمچى تىپقا ئايرىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسى قۇش زۇكۇمى ۋىروسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن قۇش زۇكۇمى ۋىروسىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار زۇكۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قۇش زۇكۇمى ۋىروسى ئىچىدە H3، H5، H7، H9 ئادەمگە يۇقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە H5 نىڭ يۇقۇمچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك. H3 ئادەم ۋە ئىتلارغا تەڭ يۇقىدۇ.

 

 

تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىنىڭ ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن HxNx دەپ جەمئى 135 خىل ئىككىلەمچى قۇش زۇكۇمى ۋىروسى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بۇلۇپ، ئىلگىرى پەقەت قۇشلاردىلا بايقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىغان. بۇ خىل ۋىروسنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىيدىلىكى، كىسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى، تارقىلىش كۈچىگە نىسبەتەن تېخى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشقا ئاساس يوق.


H7N9 ئىككىلەمچى تارقىلىشچان قۇش زۇكۇمى ۋىروسى A تىپتىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، ئىلگىرى پەقەت قۇشلاردىلا بايقالغان. ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.


يۇقۇملۇق زۇكام – يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خەرەكتىرلىك نەپەس يۇلى يۇقۇملۇق كىسەللىكى ھىساپلىنىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام – يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن HxNx بۇلۇپ، جەمئىي 135 ئىككىلەمچى تىپقا ئايرىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
03-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
11-05-2016
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بۇ داچا ھوللېۋودتىكى چولپانلار يىغىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2787 كىۋادرات كېلىدىغان بۇ داچىدا 10 ھۇجرا ئۆي بار ئىكەن، بۇ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئايال چولپان بابارا. سترىېساندنىڭ...
10-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدا بىز مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللانىڭ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىنىڭ Clyde Hill شەھىرىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، Gee...
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
Powered by Leglek