ھىندىستانلىقلارنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز كارامەتلىرى

      2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىندىستان ئامرىتسار، ‹‹Goja جەڭچىسى›› ئەنئەنىۋى چامباشچىلىق ئۇيۇشمىسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئالاھىدە ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ، داڭقى پۈتۈن ھىندىستانغا تارالدى. ئۇلار تالانت سەھنىسىدە ‹‹ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش شەكلىدىكى ماھارەتلەر››: يالتىراق لامپا غاجىلاش، ماشىنىغا باستۇرۇش قاتارلىق ‹‹قانلىق›› ئويۇنلارنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۆلەتتىكى تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى.

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھىندىستانلىق يىلان ئويناتقۇچى Chinayan Manoharan ئاشقازان راكى بىلەن 36 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ يىلاننى بۇرنىدىن كىرگۈزۈپ، ئاغزىدىن چىقىرىش بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ كۆز ئەينەكلىك يىلان قاتارلىق ھەرخىل يىلانلار بىلەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان دۇنيادا تەڭداشسىز ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەن.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىندىستان ئامرىتسار، ‹‹Goja جەڭچىسى›› ئەنئەنىۋى چامباشچىلىق ئۇيۇشمىسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئالاھىدە ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ، داڭقى پۈتۈن ھىندىستانغا تارالدى. ئۇلار تالانت سەھنىسىدە ‹‹ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش شەكلىدىكى ماھارەتلەر››: يالتىراق لامپا غاجىلاش، ماشىنىغا باستۇرۇش قاتارلىق ‹‹قانلىق›› ئويۇنلارنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۆلەتتىكى تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى.

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ھىندىستان لوكنۇۋ، يەرلىك ياشلار ‹‹ئۆلۈم ماشىنىسى›› ئوينىماقتا. ئۇلار تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنى بويلاپ، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ، پويىز سوقۇۋېتىشكە ئاز قالغان بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە دەرياغا سەكرەيدۇ. گەرچە بۇ ‹‹ئويۇن›› ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق بۇ ياشلار ئەزەلدىن ئويۇن جەريانىدا يارىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ھىندىستان لوكنۇۋ، يەرلىك ياشلار ‹‹ئۆلۈم ماشىنىسى›› ئوينىماقتا. ئۇلار تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنى بويلاپ، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ، پويىز سوقۇۋېتىشكە ئاز قالغان بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە دەرياغا سەكرەيدۇ. گەرچە بۇ ‹‹ئويۇن›› ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق بۇ ياشلار ئەزەلدىن ئويۇن جەريانىدا يارىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن خېستۇر گەندى 10 يېشىدا تۇنجى قېتىم كېسەك يېگەندىن باشلاپ، ھەرقانچە قىپمۇ قول ئۈزەلمىگەن. ئۇ كۈنىگە ئۈچ كىلو كېسەك يەيدىغان بولۇپ، كەنتتىكى خارابىلىك ۋە ئېتىزلاردىكى نۇرغۇن كېسەكلەرنى يەپ بولغان. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن يۇرتداشلار ئۇنىڭ كېسەك يېيىشىنى كۆرگىلى بارغان. گەرچە بۇ تېبابەتتە ‹‹غەيرىي نەرسىلەرنى يېيىش خۇمارى›› دەپ ئاتالسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەدىنى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھىندىستان راجاستان ئۆلكىسى، ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش كىيىنىپ، ئالاھىدە لايىھەلەنگەن مەكتەپ ماشىنىسىغا چىقماقتا. ھەر كۈنى تەخمىنەن 80 ئوقۇغۇچى تۆگە قوشۇلغان مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارىدىكەن.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھىندىستان راجاستان ئۆلكىسى، ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغانلىقتىن، قىستىلىشتىن ساقلىنىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياغاچچى Mewaram Jangid ئىككى قەۋەتلىك بۇ مەكتەپ ماشىنىسىنى ياساپ چىققان.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستان تېلانگانا ئۆلكىسى، 40 ياشلىق بىر ئەر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان موتوسىكلىت ئۈستىدە يوگا ھەرىكىتى ئىشلىمەكتە.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستان تېلانگانا ئۆلكىسى، 40 ياشلىق بىر ئەر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان موتوسىكلىت ئۈستىدە يوگا ھەرىكىتى ئىشلىمەكتە.

2007-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەنگلىيە بېرمىڭھام، 57 ياشلىق Manjit Singh قۇلىقى ئارقىلىق 8 توننا ئېغىرلىقتىكى ئايروپىلاننى سۆرىمەكتە. شۇ كۈنى ئۇ ئىككى قۇلىقى ئارقىلىق بۇ ئايروپىلاننى سۆرەپ ئورنىدىن قوزغىتىپ، جىنس دۇنيا رېكورتى ياراتقان. بۇ ئارقىلىق ئۇ ھىندىستان Mahilpur دىكى بىر تەنتەربىيە مەكتىپى ئۈچۈن مەبلەغ توپلىغان.

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھىندىستان لۇدىھانا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى پەنجاب ئۆلكىسىدىن كەلگەن 15 ياشلىق ئوغۇل بالا Jaspreet Singh Kalra كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېلاستىكلىققا ئىگە بەدىنى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ‹‹كاۋچۇك بالا›› دەپ نام ئالغان. ئۇ ھەتتا بېشىنى 180 گىرادۇس ئايلاندۇرالايدىكەن.

Jaspreet نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەندە ھېچقانداق ئاغرىش ھېس قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ نىشانى بەش قېتىملىق جىنس رېكورتىنىڭ ساھىبى بولغان ئامېرىكىلىق ئەۋرىشىم ھەرىكەت ئارتىسى Daniel Browning Smith دىن ئېشىپ كېتىش ئىكەن.

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ھىندىستان، جانماشتامى بايرىمىدا، كىشىلەر كرىشنا ئىلاھى شەكلىدە ياسىنىپ، ئادەم شوتىسى ھاسىل قىلىپ، كرىشنا ئىلاھىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. جانماشتامى بايرىمى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھىندىستان كرىشنا ئىلاھىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئىكەن.

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىندىستان ناگپۇر، كىشىلەر ئىككى پاقا ئۈچۈن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ شۇ يەرنىڭ يامغۇر تىلەش ئەنئەنىسى ئىكەن.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، سەنئەتكار Ani K تىلى بىلەن رەسىم سىزماقتا. ھازىرغىچە ئۇ 1000 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم سىزغان بولۇپ، ئۇ تىلى ئارقىلىق رەڭ تەڭشەش تاختىسىدا رەڭ تەڭشىۋېلىپ، ئارقىدىن تىلى ئارقىلىق رەخت ئۈستىگە رەسىم سىزىدىكەن، ھەر بىر ئەسىرىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ھىندسىتان يېڭى دېھلى، مال توشۇۋاتقان ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت.

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھىندىستان ھەيدەر ئاباد ئاپتوموبىل موزىيىدا Sudhakar Yadav لايىھەلىگەن ئېگىزلىكى 7.9 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور ‹‹›ماشىنا› كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ ‹‹ماشىنا›› 1922-يىلىدىكى فورد ساياھەت ئاپتوموبىلىنى ئەندىزە قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ تىنچ ھالەتتىكى ئاپتوموبىل جىنس رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىكەن.

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىندىستان كالكۇتتا، Radha Madhav ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈرۈچ تارقىتىش مۇراسىمىدا، مۇرىتلار كىرلىك ۋە كۈنلۈك قاتارلىقلار بىلەن يۇقىرىدىن چۈشۈۋاتقان گۈرۈچنى يىغماقتا. ئۇلار بۇ گۈرۈچ تەلەي ئېلىپ كېلىپ، بۇندىن كېيىن ئاچ توق قېلىشتىن ئەنسىرىمەيمىز دەپ قارايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek