تۆت چوڭ كۈچلۈك بانكا نېمە ئۈچۈن ئالى بابانى سىغدۇرالمايدۇ؟
ئالى بابا ئامېرىكىغا بىرىپ پايچىكىنى بازارغا سىلىشقا تەييارلىق قىلۋاتقان، مەبلىغى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1.5 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ۋاقىتتا، ئالى بابا بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تۆت چوڭ بانكا ئوتتۇرسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى. ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئالى بابا ۋە تىڭشۈندەك چوڭ تور شىركەتلىرى سودا - سانائەت بانكىسى، قۇرلۇش بانكىىسى، يېزا - ئىگىلىك بانكىسى ۋەجۇڭگۇ بانكىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بانكىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەشكە خىرىس قىلدى. ئالى بابا بۇ مەقستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۆتكىلىشچان پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىش، ھەمدە قايتۇرۇش سەۋىيسى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بانكا ئامانەت ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولغان تور كاپىتال مەھسۇلاتلىرىنى تەمىن ئېتىش باسقۇچىنى بىسىپ ئۆتتى.
ئەمما تۆت چوڭ بانكىمۇ قارىشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىنكى تۇتۇشىشى مۇشۇ ھەپتىدە يۈز بەردى. بۇرۇن ئالى بابا تور كاپىتالى فوندى چىقىمدانى‹余额宝› ئىشلەتكۈچىلىرىگە دوكىلات ئېلان قىلغاندا، ئۇلار پۇلنى جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسىدىن چىقىمدانغا يۆتكىگەندە قولايسىزلىق يۈز بەرگەن. يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى بانكا ئارقا - ئارقىدىن ئوخشاش قارارلارنى چىقاردى، ھەممە دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلار خىرىدارلارنىڭ پۇل گۆھىرى‹支付宝› قاتارلىق يۆتكىلىشچان پۇل تۆلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبورتىغا قارىتا ئايلىق چەكلىمىنى يولغا قويدى.
بۇمۇ مەركىزى بانكىنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلارنى قوللىشىدىكى سەۋەب. يېقىندىن بۇيان، مەركىزى بانكا ئىككىلىك كود ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى ۋە مەۋھۇم ئىناۋەت كارتىسنى ئىشلتىشنى توختاتتى. ھەمدە بەزەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلار ئارقا - ئارقىدىن قول تۇتۇشۇپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىش ئورگانلىرىدىن ئالى باباغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالى باباغا <ئىغىز جىڭى> ئېلىپ باردى.
3- ئاينىڭ 28 - كۈندىكى تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن، مەلۇم بانكىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى يازغان‹ ئالى بابا ئاللىبۇرۇن 40 چوڭ ئۇغۇرلىق قاينىمىغا غەرىق بوپ كەتتى دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتۇرنىڭ باياناتىدا، ‹جۇڭگۇ سودا - سانائەت بانكىسى بىلەن بولغان كۈرەش، ھەقىقىي كۈرەشتۇر. پۇل گۆھىرى سودا - سانائەت بانكىلىرىغا قارىتا مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلىشى، ۋە خىرىدارلارنىڭ بانكاىغا بىرىپ سۆزلىشىشى ئويلىمىغان ئىشلار› دەپ يازدى.
ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە، تۆت چوڭ بانكىنىڭ يىللىق پايدىسى ئوتتۇرچە ھېساب بىلەن 10%تىن يۇقىرى بولغان.
بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشى تۆت چوڭ بانكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇل - مۇئامىلە كەسپىنى مونوپۇل قىلۋالغانلىقىنى، ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ تۆت چوڭ بانكىدىن
باشقا باشقا تاللىشى يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك كىرىشكە يەر تاپالماي قالغان كۆپ مىقداردىكى كاپىتال دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلارنىڭ كۈنلىرىنى نۇرمالسىز قىلىپ قويغان. تۆت چوڭ بانكا پەقەت ئىنتايىن تۆۋەن ئامانەت ئۆسۈمى تەمىن ئېتىپ، ئەكىسچە پايدىسى بىر ھەسسىدىن يۇقىرراق بولغان قەرىز بىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.بۇنداق ئوڭايلا كىلىدىغان پايدا بانكا ئومومىي پايدىسىنىڭ 90% تىدىن يۇقىرراق بولغان بانكىلار ئالى بابانى سىغدۇرالمايدۇ.
شۇڭا بىزدە ئوڭايلا، گۇمان پايدا بولىدۇ، نىمىشقا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى شۈنچە كۈچلۈك بانكىلار ئالى بابانى سىغدۇرالمايدۇ؟
گەرچە ئالى بابانىڭ قەرىز بىرىش كۆلىمى شىدەت بىلەن كىڭەيگەن بولسىمۇ، لېكىن دەسلىپىدىنىلا ئىنتايىن كىچىك بىر سان. بۇنى جۇڭگو بانكىسىنىڭ1.05 مىلىيارد خەلق پۇلى ئامانىتى كۆلىمىگە سىلىشتۇرغاندا، ئالى بابانىڭ فوندى پەقەتلا، <ئامباردىكى بىر تال دان>غا ئوخشايدۇ.
جۇڭگودىكى بانكا ساھاسىدىن ئىبارەت بۇ پايانسىز دېڭىزدا،ئالى بابا پەقەتلا بىر بىلىجان.
تۆت يىل ئاۋۋال، ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن چوڭ گەپ قىلىپ: < ئەگەر بانكا ئۆزگەرتمىسە، ئالى بانكىنى ئۆزگەتىدۇ.>، دېىيشى، بىر مەزگىللىك مەسخرنى باشلاپ ئەكەلگەنىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، گەرچە بانكا ۋىۋىسكىسى بولمىسىمۇ، ئالى بابانىڭ ئاز سوممىلىق قەرىز تارقىتىش ھەركىتى، كىچىك تىپتىكى كارخانلارنى قەرىز بىلەن تەمىلنىدى. تېزلا، ئالى بابا بۇ ساھەدىكى زومىگەرلىكىنى قولغا ئالدى. ھەم بىر قانچە دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلار چۆچىگەنلىكىدىن ‹ بۆرە كەلدى›
دىيىشتى.
رىقابەت يېتىپ كەلسە، يۇشۇرنۇپ بولغىلى بولمايدۇ.بىر قانچە كۈچلۈك دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىنىڭ ھەقىقىي رەقىبى ئاخىرى كەلدى، ئۇلارغا نىسبەتەن بىسىش ئۇسۇلى بولسا نازارەت تارماقلىرنىڭ ئالى بابانى چەكلىشىنى كۈچەيتىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا نەپەس ئىلۋىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىشتۇر. ئەلۋەتتە، ئالى بابامۇ تۆت چوڭ بانكىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ بىرى.
ئاپتۇرى: چىيۇلىن
ئەسكەرتىش: سوخۇ بىلوگىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇب.
تەھرىر: ئوسمان
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved