IS نىڭ قوللىغۇچىلىرى: رۇسىيە، كۈنۈڭ ئاز قالدى !

       IS نىڭ قوللىغۇچىلىرى مۇنداق دەپ داۋراڭ سالدى: «سېنىڭ كۈنۈڭ ئاز قالدى، ئۆلۈم سېنىڭ ئالدىڭغىمۇ كېلىدۇ».

      باشقا خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، IS  نىڭ قوللىغۇچىلىرى «تۋىتتېر» دا رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە موسكۋا مېتروسىغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېگەن، «موسكۋادا قان دەريا بولۇپ ئاقىدۇ، موسكۋا مېتروسىمۇ پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ».

       ISنىڭ قوللىغۇچىلىرى تارقاتقان بۇ سۈرەتتە، IS  نىڭ ئۆزى ياسىۋالغان بومبا ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مىسىر ئاسمىنىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى پارتىلىتىۋەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

        ئەنگىلىيە «كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 21 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا مۇنداق دېگەن، رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رۇسىيەگە كېلىۋاتقان يوشۇرۇن تەھدىتنى توسىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە يادرو ئوق بېشى بار چارلىغۇچى سىنارەت ئارقىلىق «ئىسلام دۆلىتى» نى ۋەيران قىلىشمۇ بار. پۇتىن يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن، يادرو كۈچىنى ئىشقا سېلىش پەقەتلا بىر خىل بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدۇر. بىراق مەيلى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتسۇن ياكى ئىشلەتمىسۇن، IS بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، IS  نىڭ قوللىغۇچىلىرى «تۋىتتېر»دا رۇسىيەگە گەپ ئەۋەتىپ، رۇسىيەگە تەھدىت سالدى.

    رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1–قانىلىدا كۆرسىتىلگەن بىر خاتىرە فىلىمدە، پۇتىن «يادرو كالتىكى» نى پۇلاڭلاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن، ناۋادا IS قا قارىتىلغان دائىلىق پارتىلىتىش ئۈنۈملۈك بولمىسا، چوقۇم يادرو ئوق بېشىلىق سىنارەتنى ئىشقا سېلىپ، IS نى يوقىتىمىز. پۇتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن، ئۇلارنىڭ چارلىغۇچى سىنارىتىگە يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇندىن خېلىى بۇرۇن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، پۇتىن مۇنداق دېگەن، جەڭ مەيدانىغا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش، قوراللارنى قانداق ئىشلىتىشنى ئانالىز قىلىش كېرەك. «چارلىغۇچى سىنارەت بىلەن KH-101 تىپلىق چارلىغۇچى سىنارەت ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى قوراللار، ھازىر بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، چارلىغۇچى سىنارەتكە يادرو ئوق بېشى بېكىتكىلى ھەمدە توغرا زەربە بەرگىلى بولىدۇ».

     بىراق، پۇتىن يەنە مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن، ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى IS نىڭ يۈرىكى جايلاشقان رايونلارغا يادرو ھۇجۇمى قوزغاش پەقەتلا ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاسىتە. «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن چارلىغۇچى سىنارەتكە يادرو ئوق بېشى بېكىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىك» دېدى پۇتىن تولۇقلاپ، «مەن يادرو ئوق بېشىنى تېرروچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن».

    «يادرو قورالى» دېگەن بۇ سۆزنى پۇتىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە خېلى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى، بۇ سۆز شەك شۈبھىسىزكى IS نىڭ نېرۋا تومۇرىغا تەگدى. رۇسىيە جامائەتچىلىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، IS ئۆزىنىڭ «تۋېتتىر» ىدا «رۇسىيەگە سۆز» دېگەن تېمىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، رۇسىيەگە تەھدىت سالدى.



خەتكۈچلەر:
23-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek