ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزى قوماندانلىق شىتابى خاككېرغا ئۇچىرىدى

سىچۈەن خەۋەر تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق شىتابى ئىجتىمائىي ئالاقە تور پونكىتىنىڭ تۋىتتېر ۋە يوۋتۇبى ئىسچوتلىرى شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار، رادىكال تەشكىلات"ئىسلام خەلىپىلىكى" خاككېرلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىرىدى، مەركىزىي قوماندانلىق شىتاتىنىڭ تۋىتتېر ئىسچوتى تاقىۋېتىلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار چۈشتە، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ تۋىتتېر، يوۋتۇبى ئىسچوتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ "ئىسلام خەلىپىلىكى" دەپ ئاتالغان رادىكال تەشكىلاتنىڭ خاككېرلىرى تەرىپىدىن تاجاۋۇز قىلىندى، دەسلەپتە تۋىتتېر ئىسچوتىنىڭ باش سۈرىتى لىچەك چېگىۋالغان قۇراللىققا ئۆزگەرتىۋېتىلدى، ئارقا كۆرۈنىشىمۇ ئالماشتۇرۇلدى.
ئاندىن كېيىن خاككېرلار ئامېرىكا ئارمىيەسى يوقىرى قاتلاملىق قوماندانىنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتتى ھەم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى. 40 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ تۋىتتېر ئىسچوتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

خاككېرلار مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ يوۋتۇبې ئىسچوتى ئارقىلىق "ئىسلام خەلىپىلىكى" قۇراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇم قوزغىغان ۋە پارتىلىتىش كۆرۈنىشىنى تارقاتتى.


خاككېرلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى تەرىپىدىن جەزىملەشتۈرۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خاككېرلار ھۇجۇم قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە تورغا تارقىتىلغان ماتېرىئالدىن قارىغاندا، خاككېرلارنىڭ مەخبىي ھۆججەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خاككېرلار تاجاۋۇزىغا مۇۋاپىق تەدبىر بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاقساراي باياناتچىسى ئېرنېست شۇ كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ۋەقەنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek