ئامېرىكا بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن «شام ئىسلام دۆلىتى»

ئامېرىكا بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن «شام ئىسلام دۆلىتى»


يېقىندىن بۇيان ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى بارغانسېرى ئەدەپ كەتتى، يەنە كېلىپ ھۇجۇمنىڭ ۋەھشىيلىكىمۇ پۈتۈن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلتۈردى، شۇندىن باشلاپ ھەرقايسى دۆلەتلەر تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىشنى ئويلىنىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ تەشكىلات قانداق پەيدا بولغان، قانداقسىگە بۇنداق كۈچىيىپ كېتىدۇ؟ «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتامانى غەرب ئەللىرىنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ تەشكىلاتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ كۈچىيىشىگىچە بولغان جەريانلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئامېرىكا ئارمىيەسى قۇرغان تۈرمىنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قانات - قۇيرۇقى ئاستا- ئاستا يېتىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ھالدا «شام ئىسلام دۆلىتى»نى قۇرۇپ چىققان.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسى «شام ئىسلام دۆلىتى»ئەزالىرىنىڭ «بىخەتەر» ئالاقىلىشىش نۇقتىسىغا ئايلانغان، «ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى تۈرمىسى بولمىسا، <شام ئىسلام دۆلىتى>مۇ بولمايتتى» دېدى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتامانى «راست گەپ قىلىپ». ئۇنىڭ قارىشىچە، دەل ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقتا قۇرۇپ چىققان تۈرمە، كۆپلىگەن «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتامانلىرىغا «بىخەتەر» بولغان ئالاقىلىشىش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ قويۇق ئالاقىسىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسى پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى ئەبۇ بەكرى باغدادى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسىگە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى جېدەلنى بىر تەرەپ قىلىشقا تولىمۇ ماھىر بولغاچقا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى ھەرىكىتى تولىمۇ ئەركىن بولغان، خۇددى ئادەمزات يوق يەرگە كېلىپ قالغاندەكلا شۇنداق ئەركىن يۈرگەن، ئەڭ ئاخىردا ئۇنىڭ «ئىپادىسى ياخشى»بولغانلىقتىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزالىرىغا «ئەڭ بىخەتەر» يىغىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن، دېدى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەڭ دەسلەپكى يادرولۇق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «ئەبۇ ئەھمەد(ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) ئۆزىنىڭ تۈرمىگە كىرىشىتىن تارتىپ «شام ئىسلام دۆلىتى»نى قۇرۇشقا قاتنىشىشقىچە بولغان كەچۈرمىشىنى بايان قىلىپ. ئەھمەد 2004- يىلى يازدا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بۇكا تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلغان، ئۇ بۇ يەردە تۇنجى قېتىم كاتتىبېشى بولغان باغدادى ۋە بىر قىسىم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتامانلىرى بىلەن تونۇشقان. ئەھمەدنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن دېيىشىچە، ئۇمۇ باشقا جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش، ئەينى ۋاقىتتا بۇكا تۈرمىسىگە كىرىشتىن ناھايىتى قورققان، بىراق ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇكا تۈرمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن ناھايىتى ياخشىلىقىنى بايقىغان، ھەتتا بۇ تۈرمە ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن ياخشى «پۇرسەت»لەرنى يارىتىپ بەرگەن. ئەھمەد يەنە: «بىز پايتەخت باغدادتتا ياكى باشقا جايلاردا، ھەممىمىزنىڭ بۇنداق يىغىلالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئىدى، بىراق بۇكا تۈرمىسىدە بىز بىخەتەر بولۇپلا قالماي، بەلكى بىز بىلەن <بازا تەشكىلاتى>نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىلىقى نەچچە يۈز مېتىرلا كېلەتتى، بىزنىڭ ئولتۇرۇپ پىلان تۈزگۈدەك ناھايىتى كۆپ ۋاقتىمىز بار ئىدى». « بۇكا تۈرمىسى <شام ئىسلام دۆلىتى>نىڭ ئەڭ ياخشى <باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى>غا ئايلانغان، مۇھىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى، بىز بۇ يەردە كۆپ قېتىم پىلان تۈزۈش ئارقىلىق، ناۋادا كۆپچىلىك بىر كۈنلەردە بۇ تۈرمىدىن چىقىپ كېتىپ قالساق، قايتىدىن جەم بولۇشقا قوشۇلدۇق» دېدى ئەھمەد كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ «يىغىلىشقا، تونۇشۇشىغا» قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى باغدادىنىڭ «قەد كۆتۈرۈشى»ئۈچۈن 2003- يىلى بىر قوراللىق تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان، بىراق باغدادى 2004 - يىلى ئىراقنىڭ ئەل -فىلوجادا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەشكىلاتىنىڭ نامى ئانچە تونۇلمىغان ئىدى، باغدادىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا«بازا تەشكىلاتى»نىڭ ئىراقتىكى ئاتامانى ئەبۇ مۇسا زەقاۋىيچىلىكمۇ داڭقىمۇ يوق ئىدى.  ئەمما باغدادى ئەينى ۋاقىتتا تۈرمىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولغاچقا، تۈرمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغان ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ماجىرانى تىنچلاندۇرغۇچى»دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن باغدادىنىڭ تۈرمىدىكى «ئورنى»بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا باغدادى بۇ خىل ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بويسۇندۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان «ئورۇن»غا ئىگە بولغان، ئۇنىڭ بۇخىل ئۇسۇلى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان. باغدادى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ھۆرمىتى»گە ئېرىشكەنلىكتىن، ئۇ تۈرمىدە ئەركىن بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا رايوندىكى مەھبۇسلار بىلەن ئالاقە باغلىغان، ئەلۋەتتە بۇنى باشقىلار تامامەن قىلالمايدىغان ئىش ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا باغدادى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان يېڭى بىر ئىستراتېگىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئۇ بولسىمۇ باغدادى تەشكىللىگەن «شام ئىسلام دۆلىتى»ئىدى. ئەمما باغدادىدىنىڭ تولۇق ئالدام - خالتىسىغا چۈشۈپ بولغان ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇنى «قايتا تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ»دەپ ئويلىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن باغدادى 2004- يىلى 12- ئايدا ئىراقتىكى تۈرمىدىن قويۇۋېتىلدى.

ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «شام ئىسلام دۆلىتى» پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلدى. 11- ئاينىڭ 20- كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىردەك قارار ماقۇللاپ، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»پەيدا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى «بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئەمما، 10 يىل بۇرۇن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ پائالىيەتلىرىدىن تامامەن خەۋەرسىز قالغان ئىدى يەنە كېلىپ بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا باغدادتا تولىمۇ ياخشى سورۇندىن بىرنى ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى، ئاقىۋەتتە «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ بۈگۈنكىدەك «قەد كۆتۈرۈشىگە» ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، مانا بۈگۈن «شام ئىسلام دۆلىتى» پۈتۈن يەرشارىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. «شام ئىسلام دۆلىتى» پۈتۈن يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى، لېكىن پۈتۈن دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئويلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكا نېمىشقا خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقمايدۇ؟



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek