ئامېرىكا غارايىباتلار تورىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى يەتتە ياشلىق قىز ئولىۋىئانىڭ بەدىنىدە ئالتىنچى نومۇرلۇق خروموسوم كەمچىل بولغانلىقىدىن ئوزۇقلۇق ۋە ئۇيقۇغا بولغان ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن يوق دېيەرلىك ئىكەن، شۇڭا دوختۇرلار بۇ قىزنى « خاسىيەتلىك قىز » دەپ ئاتايدىكەن.
ئولىۋىئا ئىلگىرى ئۈچ كېچە-كۈندۈر كىرپىك قاقمىغان، ئۇ ھازىر ئۇخلاشتا چوقۇم ئۇخلاش دورىسىغا تايىنىدىكەن، ئوزۇقلىنىشتىمۇ پەقەت بىر خالتا سۈت ياكى بىر پارچە بولكا يەيدىكەن، چۈنكى ئولىۋىئادا ئاچلىق تۇيغۇسى يوق ئىكەن، بۇنىڭدىن سىرت، ئولىۋىئادا يەنە ئاغرىقلىق تۇيغۇسىمۇ يوق ئىكەن.
ئەنگلىيە كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان خروموسوم كەمچىل بولۇش ھادىسىسى ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ئەترىتى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا بۇ خىل بەدىنىدە ئالتىنچى نومۇرلۇق خروموسوم كەمچىل بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىن 100 بىمار بار ئىكەن. ئەمما ئولىۋىئاغا ئوخشاش ئاچقاننى، ئۇيقۇنى ۋە ئاغرىقنى ھېس قىلالمايدىغان ئۈچ خىل ئالامەت بىرلىكتە كۆرۈلگەن بىماردىن پەقەت ۋە پەقەت ئولىۋىئالام بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved