ھازىر ئادەم ئىشلەتكۈچى بەزى ئورۇنلار ئاياللار خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ئېغىر ئاياغ بولۇش، يەڭگىش سەۋەبىدىن نورمال خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىدارىگە بەلگىلىك زىيان پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغاچقا، ئەمگەكچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىغا ئەر ئەمگەكچىلەرلا قوبۇل قىلىنىدۇ، دەپ ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت؛ ئەمگەكچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلىرىمۇ ئەمگەكچى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن ئەرلەرنى تاللايدۇ؛ يەنە بىر قىسىم ئورۇنلار ئايال ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئالدىراپ نىكاھلانماسلىق، پەرزەنتلىك بولماسلىق توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ قويىدۇ.
دۆلەت ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تۈزگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خادىم قوبۇل قىلغاندا، دۆلەت ئاياللار شۇغۇللانسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋە خىزمەت ئورنىدىن سىرت، جىنسىي ئايرىما سەۋەبىدىن ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىققا ياكى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ، ئايال ئىشچىلارنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىشىغا، پەرزەنتلىك بولۇشىغا چەك قويۇشقا بولمايدۇ، دېگەن مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدا ئايال ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش سالمىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئايال ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق-ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved