فىرانسىيە ‹‹فىرانسىيە كەچلىك گېزىتى›› تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 3-فېۋرال فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند پارىژ شەرەپلىك ئارمىيە ئىنسىتىتۇتىدا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، گرېتسىيەنىڭ F-16 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى ئىسپانىيەدە مانېۋىرغا قاتنىشىۋېتىپ چۈشۈپ كەتكەندە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى توققۇز نەپەر ئەسكەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن.
مۇراسىمدا ھوللاند ھەربىر بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورىدى ھەمدە سۆز قىلدى. مۇراسىمغا قاتناشقانلاردىن يەنە فىرانسىيە زۇڭلىسى مانۇئەر ۋائالىس، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نىگۇلا ساركوزى، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېئان يۈئېس لې درىيان، فىرانسىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار.
ئىگىلىنىشىچە، گرېتسىيەنىڭ F-16 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قېتىملىق مانېۋىردا پاچاقلىنىپ كەتكەن، ۋەقەدە 11 ئادەم قازا قىلغان، 20 ئادەم يارىلانغان، ئارىدىن ئالتە ئادەم ئېغىر يارىلانغان. ئىسپانىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە ئايروپىلاندىكى بىر خادىمنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنىكەن. ۋەقەدە ئىككى ئۇچقۇچىمۇ قازا قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved