لىۋاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى 5-دېكابىر بىيرۇتتا مۇنداق دېدى: رۇسىيە سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى لىۋان زۇڭلىسى سالىم، خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىل، دىپلوماتىيە مىنىستىرى بەشىر قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە لىۋاننى سىياسىي جەھەتتىن قوللايدۇ ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لىۋان ئارمىيەسى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ياردەم بىرىدۇ. ئۇ، لىۋاننىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved