شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:
سىياسىي خىزمەتنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھاياتلىق مەنبەسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجيەن شاڭخاڭ گۇتيەن، 1 – نويابىر تېلېگراممىسى. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى 30 – ئۆكتەبىر فۇجيەن ئۆلكىسى شاڭخاڭ ناھىيەسىنىڭ گۇتيەن بازىرىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 31 – ئۆكتەبىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا،
پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش. پۈتۈن ئارمىيە ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى،
‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلما – تەلەپلىرى، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھاياتلىق مەنبەسى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئاپپاق ئاقارتىلغان كۆك كاھىشلىق گۇتيەن يىغىنى ئېچىلغان ئورۇنغا ‹‹گۇتيەن يىغىنى مەڭگۈ شانلىق نۇر چاچقۇسى›› دېگەن خەت يېزىلغانىدى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش پىرىنسىپى بېكىتىلگەن، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە ئاساس سېلىنغان، يېڭىچە خەلق قوشۇنى مۇقىملاشتۇرۇلغان جاي. شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە بۇ يەرگە ئىلگىرى – كېيىن يەتتە قېتىم كېلىپ، گۇتيەن يىغىنىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەۋج ئالدۇرغان.
شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا يىغىن ئېچىلغان ئورۇنغا كېلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ، يىغىن ئورنىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
گۇتيەن يىغىنى ئېچىلغان ئورۇننىڭ شىمالىغا جايلاشقان رەئىس ماۋزېدۇڭ خاتىرە باغچىسى تاغ باغرىغا سېلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەت ئىدى. شى جىنپىڭ تەمكىنلىك بىلەن 151 پەلەمپەينى بېسىپ چىقىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى قويدى ھەم گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىلىرىنى رەتلەپ قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى، ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلىگە زەن قويۇپ قاراپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئەتتى.
شى جىنپىڭ گۇتيەن يىغىنى خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تۇرۇپ – تۇرۇپ مەدەنىي يادىكارلىق، سانلىق رەقەملەرنى سىنچىلاپ كۆردى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە پىكىرلىشىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىچە خەلق قوشۇنى قۇرۇشتىكى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللار ھەم ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ : تارىخ ھەمىشە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ، دېدى. ئۇ كۆپچىلىكتىن تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئەينى چاغدا قەيەردىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، نېمە ئۈچۈن سەپەرگە چىقماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئىدىيەسىنى پاكلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
غەربىي فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي رايونى ‹‹قىزىل ئارمىيە يۇرتى››، ‹‹گېنېراللار بۆشۈكى›› بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنى ياد ئېتىپ كەلدى، ئۇ غەربىي فۇجيەنگە 19 قېتىم كەلدى، ھەر قېتىم كەلگىنىدە پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئالاھىتەن يوقلىدى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم گۇتيەنگە كېلىپ، كونا قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ‹‹پېشقەدەم مەخپىي پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىزانلار، پېشقەدەم ئالاقىلەشكۈچى، پېشقەدەم ئۇچراشتۇرغۇچى، سوۋېت رايونىدىكى كونا يېزا كادىرى››نىڭ ئون ۋەكىلىنى گۇتيەن پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش بازىسىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ تېمەن، روھلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ تەسىرلىك ھالدا: كونا ئىنقىلابىي رايون، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايوننىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللاپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، ‹‹بەش پېشقەدەم›› يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى دائىم ئاڭلاپ، ئۇلارنى تەربىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.
شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيانقى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىدە بىر يۈرۈش ئېسىل ئەنئەنە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتكە قوماندانلىق قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش؛ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇش؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيە لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئاممىۋى لۇشيەننىڭ تۈپ ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇش؛ كوماندىر – جەڭچىلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ كادىرلارنى ئادىل، ئوچۇق – ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش؛ كوماندىر – جەڭچىلەر بىردەك بولۇش، دېمۇكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئاڭلىق، قاتتىق ئىنتىزامنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش،
قۇربانلىق بېرىش، تۆھپە قوشۇشتەك ئىنقىلاب روھىدا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئېسىل ئەنئەنىلەر ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە مەزمۇنى. بىز ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە زور رولىنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە تاۋلانغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا سىياسىي خىزمەت كۈچەيتىلدى ۋە ياخشىلاندى، زېھنىي كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، روھ ئۇرغۇتۇلدى، مەركەزگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، ئىنتىزام چىڭ بولدى، چىرىكلەشكەنلەر جازالاندى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئاكتىپ كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىپ، قىسىمنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قوشۇن قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە جەزمەن توغرا قاراپ، شۈ سەيخۇ دېلوسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە بۇ دېلوغا كەسكىن مۇئامىلە قىلىپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ساۋاق ئېلىپ، تەسىرىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارمىيە ئىچىدە يۈز بەرگەن دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چارلاپ كۆزىتىش خىزمىتى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا قىسىمدىكى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي ۋە ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان ئون جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، تۈپ جەھەتتىن يەنىلا غايە – ئېتىقاد، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى، ئىنقىلاب روھى، تەشكىلىي ئىنتىزام، ئىدىيە ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر بولۇپ، سىياسىي خىزمەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىپ،
تەربىيەلەنگۈچىنىڭ تەربىيەلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش زىيادە بوش، زىيادە يۇمشاق قوللۇق قىلىش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالماسلىق، تۈزۈم قۇرۇلۇشى جەھەتتە يوچۇقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ساۋاقلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بۇ مەسىلىلەرنى قانداق تونۇش، قانداق ھەل قىلىشنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ دىققەت – ئېتىبارىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۆلەت ئىچى – سىرتىنىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ سىناق ئالدىدا ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئىلگىرىلەشكە بولىدۇكى، توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، پائال ئاتلىنىشقا بولىدۇكى، پاسسىپ تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدۇ. ھازىر ئەڭ مۇھىمى تۆت تۈپ نەرسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك: غايە ۋە ئېتىقادنى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشان – تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كوماندىر – ئەسكەرلەرنىڭ غايە ۋە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىكى تايانچ، زېھنىنى مۇجەسسەملەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە قاراپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئالاھىدىلىك ۋە قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى سىياسىي خىزمەتنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا جەزمەن پارتىيە پىرىنسىپى، پارتىيە ئىشلىرى، خەلق مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيە ئۈچۈن قايغۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئىشلەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيە ئۈچۈن قايغۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىشنى خىزمەتلەرنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جەڭگىۋارلىق كۈچى ئۆلچىمىنى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك، جەڭگىۋارلىق كۈچى ئۆلچىمىنى ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەم قىلىپ،
ئۇنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتكوم خىزمەتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈش، باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولى، مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەڭگىۋارلىك كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق جامائەت پىكرى يۆنىلىشى،
خىزمەت يۆنىلىشى، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى، سىياسەت يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنى جەڭگىۋارلىق كۈچى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. سىياسىي خىزمەتنىڭ رولىنى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، بولۇپمۇ سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىرلارنى ھەقىقەتنىڭ كۈچى بىلەن كىشىلىك قەدىر – قىممەتنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئادىل – دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ھازىر تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك: بىرىنچى، ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ روھى، ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر قانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. ئىككىنچى، ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.
ئارمىيەدە ياخشى كادىر بولۇش ئۆلچىمى پارتىيەگە سادىق بولۇش، جەڭ قىلىشنى پىلانلاشقا ماھىر بولۇش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇش، پاك – دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، تەشكىل ئادەم تاللاش، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش ئادىتىنى قەتئىي تۈزەپ، كادىرلار قوشۇنىنى پاكلاشتۇرۇپ، ياخشى كادىرلارنى ھەقىقىي تاللاپ، ۋەزىپىگە ياخشى تەيىنلەپ ئىشلىتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلىنىڭ بەنزە باشقۇرۇش، كادىرلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپ، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق كادىرلارنى باشقۇرۇش ۋە چەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. دائىم، تەپسىلىي، ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،
بوشاشماسلىق، توختاۋسىز ئىلگىرىلەش ئىرادىسى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، جەڭگىۋارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. ماركسىزملىق كۈرەش قىلىش قارىشى ۋە ئارمىيەمىزنىڭ تۈپ فونكىسىيە تەربىيەسى، ھەربىي ئىشلار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچىدىن جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماسلىق،ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماسلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاپالىق، قاتتىق، ئەمەلىي جەڭ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، قىسىمنى باشلاپ جەڭ قىلىپ، ھەربىي ئىشلار كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى، شەرەپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەردە ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە باتۇرانە كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، سىياسىي خىزمەتنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىياسىي خىزمەتتىكى تەپەككۇر ئىدىيەسى، سىياسىي خىزمەت ئىشلەش ئەندىزىسى، يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى، ئۇسۇل، ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش، قانۇن – تۈزۈملىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، كەڭ ساھە بويىچە ئارمىيە – خەلق بىرلىشىشتەك سىياسىي خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي ئورگان ۋە سىياسىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، سىياسىي ئېڭى، بازا ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلار، قوماندانلىق قىلىش، پەن – تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان، مەركەزلىك جەڭ قىلىشتا كۈچلۈك بولۇش، ئىستىل ئوبرازىدا ياخشى بولۇشتەك سىياسىي ئورگان ۋە سىياسىي كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، بولۇپمۇ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلار سىياسىي خىزمەتنى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سىياسىي خىزمەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، سىياسىي خىزمەتتە دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، سىياسىي خىزمەتكە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئارمىيەمىز سىياسىي خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى گۇتيەندە ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىستىل تۈزەش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەنىڭ ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved