جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-فېۋرال تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 16-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا خام نېفىت توشۇيدىغان بىر يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، بىر قىسىم ماي دەرياغا ئېقىپ كەتكەن، ئاز دېگەندىمۇ 14 ۋاگونغا ئوت كېتىپ پارتلاپ كەتكەن، يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىمۇ ۋەيران بولۇپ، بىر ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتى شىۋىرغاننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەندە، قاتتىق قار يېغىۋاتقان ئىكەن، قىسمەن رايونلاردا بولسا يىغىلىپ قالغان قارلارنىڭ قېلىنلىقى 10 نەچچە سانتىمېتىرغا يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، پويىزدا جەمئىي 100 نەچچە ۋاگون بار بولۇپ، ھەممىسىگە خام نېفىت قاچىلانغان ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىشتات باشلىقى يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved