دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قورساقنى كېسىپ بالا ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى چوقۇم زۆرۈر ئەھۋال ئاستىدىلا ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 10-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، قورساقنى كېسىپ بالا ئېلىشتەك تېببىي تېخنىكىنىڭ بارغانسېرى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملىشىشى ۋە بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك خەۋپ-خەتىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئوپېراتسىيەنى چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان خەلقئارا ساقلىقنى ساقلاش-داۋالاش ساھەسىدىكىلەر قورساقنى كېسىپ بالا ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى ئېلىپ بېرىش نىسبىتى %10 تىن %15 گىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارىدى، بىراق، مەيلى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، بۇ ئوپېراتسىيە بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. زۆرۈر ئەھۋال كۆرۈلگەندە بۇ ئوپېراتسىيەنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئانا-بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە باشقا ئالاقىدار كېسەللىكلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشتەك پايدىلىق تەرىپى بار، بىراق قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋالدا بۇ ئوپېراتسىيەنى ئېلىپ بېرىش ئانا-بالىغا پايدىلىق، دەيدىغانغا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: قورساقنى كېسىپ بالا ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى چوقۇم زۆرۈر ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭمۇ خۇددى ھەر قانداق تاشقى كېسەللىك ئوپېراتسىيەسىگە ئوخشاشلا قىسقا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك خەۋپ-خەتىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق مەزگىللىك خەۋپ-خەتەر بەلكىم بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئاشكارىلىنىشى شۇنداقلا، ئانا ۋە بالىنىڭ ساغلاملىقى، ھەتتا ئانىنىڭ كېيىن پەرزەنت كۆرۈشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە تېببىي خادىملار قورساقنى كېسىپ بالا ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ۋە بۇنىڭ ھامىلدار ئايال ۋە بوۋاققا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە تېببىي خادىملارنى قورساقنى كېسىپ بالا ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىشنى، ھەرگىزمۇ مەلۇم بەلگىلىك ساندا مەجبۇرىي كونترول قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھامىلدارلىق مەزگىلى ھەم تۇغۇت يېقىنلىشىش مەزگىلىدىكى كېسەللىكلەر ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان بولغاچقا، بۇ تەشكىلات ئالاقىدار خادىملارنى كۆپرەك تەتقىق قىلىپ بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خەۋپ-خەتىرىنى ئېنىقلاشقا چاقىرغان.



خەتكۈچلەر:
15-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek