روسىيە بىر يىلدا قىرىمنى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇردى
جاھان ئاگېنتلىقى 21-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ روسىيەگە قۇشۇلىشىنى كاپالەتكەندۈرگەن كېلىشىم ئىمزالىنىپ تولۇق بىر يىل ئۆتتى. يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ساھەسىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. قىرىم رايۇنى ھەربي بازىغا ئايلاندى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن بەك قىرىم تۈركلىرى ئۇچرىدى.
ئۆتكەن يىلى فېۋرال ئېيىدا قۇراللىق روسىيە تەرەپدارى گۇرۇپپىلار، كىيىۋدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سەۋەب قىلىپ قىرىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتى پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە روسىيە تەرەپدارى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى كاپالەتكە ئېرىشتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى 16-مارتتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان خەلق ئاۋاز بېرىشى ۋە 18 مارتتا كېرمىل سارىيىدىكى يىغىندىن كېيىن ، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كېلشىمنى 21-مارتتا ئىمزالىشى بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ روسىيەگە قۇشۇلۇش مۇساپىسى تاماملاندى.
روسىيە قىرىمنى ئۆزىگە قۇشۇۋالغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىپ ئۇكرائىنىيە تېلىۋىزىيسىنىڭ قىرىمدا تارقىتىلىشىنى چەكلىدى. پارلامېنت بىناسىدىكى روسچە، ئۇكرائنىيەچە ۋە تاتارچە يېزىلغان «قىرىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتى» دىگەن خەت ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا پەقەت روسچە «قىرىم جۇمھۇرىيتى دۆلەت قۇرۇلتىيى» دەپ يېزىلدى.
قىرىمدا سائەت ۋاقتى بىر سائەت ئالدىغا سۈرۈلۈپ موسكىۋا بىلەن ئوخشاش ۋاقىت ئىشلىتىلدى. قىرىمنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى روسىيە پۇقراسى بولۇش مەجبۇرىيتىنى پەيدا قىلدى.
2014-يىلى 1-ئىيۇندىن كېيىن سودا-ئالاقىدە پەقەت روسىيە روبىلىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىندى. روسىيەلىك ئىشلەمچىلەر رايۇنغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. روسىيەلىك بايلار قىرىم تۇپراقلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ روسىيە زېمىنلىرىغا يېقىنلىشىشىنى خالىمىغان موسكىۋا ھۆكۈمىتى، قىرىمدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشنى ھەربىي ساھەدە باشلىدى. رۇسىيە دۆلەتلىك ئاخباراتلىرىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قىرىمدا شۇئاندا 25 مىڭدىن كۆپ روسىيە ئەسكىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى 40 مىڭ ئەتراپىدا كۆپەيتىلىشى پىلانلانماقتا.
روسىيە قىرىمدىكى قىسىملىرىنى يېڭى تانكلار، پاراخۇتلار، ۋە ئايرۇپىلارنلار بىلەن قۇراللاندۇردى. سىۋاستپول رايۇنىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىستىراتىگيەلىك بالبېك ھاۋا بازىسىغا يېڭى سىستىمىلار قۇشۇلدى. بۇ يەردىكى ھاۋا مۇداپىئە قىسمى S-300 PMU ۋە Pantsin-S1 سېستىمىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلدى
سىۋاستوپول پورتىنى بازا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە يېڭى ئۆزگەرتىشلەر بولدى. ئۇرۇش پاراخۇتلىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. دېڭىز فىلوتىنىڭ قۇراللىق مۇداپىئە قىسىملىرى BAL-E ۋە Bastion تىپلىق يېڭى راكىتا ئوق بېشى مۇداپىئە سېستىمىسى بىلەن كۈچەيتىلدى.
22-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
|
 |
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
|
 |
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
|
 |
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
|
 |
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
|
 |
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
|
 |
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
|
 |
مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
|
 |
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
|
 |
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
|