شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئاياللار- بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئالاھىدە قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 3-نۆۋەتلىك «ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇمە چۇشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەرىكە زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق مۇراسىمغا ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى، ئاۋاز ئارتىسى مەۋلۇد ئىبراھىم بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ گۈل قىزى ماھىرە ئابدۇغېنى رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 14 نەپەر ماگىستىر ئاسپرانت قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، شىنجاڭ ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلار، ئاخبارات ۋاستىچىلىرى ھەم ئۆز تۈرك شىركىتى ۋاكالەتچىلىرى بولۇپ 400 دەك مېھمان ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى.
شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇل ئەزىز ئابدۇقادىر ئەپەندى مۇراسىمدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى شۇنداقلا «ئۆز تۈرك مۇكاپاتى» پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى تونۇشتۇردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پراففېسسور، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى «ئۆز تۈرك مۇكاپاتى» نىڭ ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسىدىكى رولى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
ئۆز دىيارىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قۇرغۇچىلىرى ھەم تەرەققىياتىغا ئۇل سالغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يار-يۆلەك بولىدىغان مىللىي كارخانىلىرىمىزغا پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز، ھەمدە شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسپرانت قىزلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىغا، كەلگۈسىدە خەلقىمىز ئۈچۈن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇمە چۇشتىن كېيىن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved