ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 10- دېكابردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئەمەلدارى 9- دېكابر ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبا ئوتتۇرسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كاپالىتى ۋە نازارىتى ئاسىتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتى كېلەر ھەپتە باشلىنىشى مۇمكىنكەن. ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: پاكىستان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز-ئارا گۇمانلىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەن 9- دېكابر ئىپادە بىلدۈرۈپ: تىنچلىق سۆھبىتى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئەمما سۆھبەتنى كېيىنكى ھەپتە قايتىدىن باشلاش ئېنىق بېكىتىلمىدى، دېگەن. پاكسىتان ئارمىيە تەرەپنىڭ باش قوماندانى شەرىف 9- دېكابر كېچىدە ئافغانىستان زۇڭتۇڭ غەنى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئېھتىماللىق رامكىسىنى قايتىدىن قوزغىتىش ئىشى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved