پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئارگىنتىنا پۇتبول چولپىنى دىمارىيا بۇ يىل يازدا ئېنىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى رېكورتىنى بۇزۇپ قىزىل ئالۋاستى مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا قوشۇلدى. ئۇ بۇ كۇلۇبقا قوشۇلىشىغا كۇلۇب 7- نومۇرلۇق كىيىمنى بۇ ئىلگىرىكى خان مادرىد كۇلۇبى پۇتبول چولپىنىغا بەردى. دىمارىيا ئۆزىنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ يەتتىنچى نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيەلىگەنلىكىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ، بۇ ئۇنىڭ مەيداندىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ كېلىش مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى تارىخىدا 7-نومۇرلۇق كىيىم ئىزچىل بۇ كوماندىنىڭ ھەتتا پۈتۈن كۇلۇبنىڭ سىموۋلى بۇلۇپ كەلگەن. جورج بېست، كانتونا، داۋىد بىكخام، كىرىستىيانو رونالدو ىاتارلىق گىگانىت چولپانلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ 7-نومۇرلۇق كىيىمىنى كەيگەن. ھەم بۇ كۇلۇبقا ناھايىتى چوڭقۇر خاتىرىلەرنى قۇيۇپ كەتكەن.
دىمارىيا مانچىستىر بىرلەشمىسى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: « مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ 7- نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيىش ماڭا مەيداندا ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ مېنىڭ مەيداندىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچۈمنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. سىز مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ 7-نومۇرلۇق كىيىمىنى كەيگەن چاغدا سىز بېكخام ، رونالدو قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنى ئەسكە ئالىسىز، چۈنكى بۇ داڭلىق چولپانلارمۇ ئىلگىرى مۇشۇ كىيىمنى كەيگەن. مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى 7-نومۇرلۇق كىيىمنى ماڭا بەردى. بۇ ھەم ماڭا غايەت زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. مەنمۇ بۇ نومۇرنى كىيەلىگىنىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن.»
![]() |
2016-يىلى 11-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 3:30 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تولۇقلاپ ئوينالدى. مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا ...
|
![]() |
پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى 3-ئايلانما مۇسابىقىسى
مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندا: شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى VS بېيجىڭ گوئەن
مۇسابىقە ۋاقتى: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11- ك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved