دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تور بېكىتى يېقىندا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامىنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەپسىلاتتا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى، تىزىملاش تەرتىپى، تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش، ماتېرىيالنى تەكشۈرۈش، قوغداش ۋە پايدىلىنىش ھەمدە قانۇنى مەسئۇلىيەت قاتارلىق بىر قانچە جەھەتتىن كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆچمەس مۈلۈك تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىندى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزكۇر تەپسىلات كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامىدىكى مۇھىم يۈرۈشلۈك قېلىپلاشقان ھۆججەت بولۇپ، كۆچمەس مۈلۈك سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى جايلاردىن 2015 –يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مەسئۇلىيەت ئاپپاراتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەسئۇلىيىتى بىلەن ئاپپاراتلارنى تەرتىپكە سېلىشتا بېكىتىلگەن نىشان ھاسىل قىلىنغان. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 335 شەھەر ، 2789 ناھىيە مەسئۇلىيەت ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى تاماملىغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم %100 ۋە %98 گە يەتكەن. ئىلگىرىلەش بىر قەدەر تىز بولغان رايوندا ئومۇميۈزلۈك تىزىملاپ كىنىشكە تارقىتىش باشلانغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved