2050-يىلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىرىستىئانلارنىڭ سانىغا يېقىنلىشىدۇ

يەر شارى خەۋەر تورى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشتە، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇپۇسىنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە قارىغاندا تېز سۈرئەتتە كۆپىيۋاتقانلىقى، 2050-يىلىدا خىرىستىئان نۇپۇسىنىڭ سانىغا يېقىنلىشىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى. ئامېرىكىدىكى «پېۋ تەكشۈرۈش مەركىزى» نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە دىن ئۆزگەرتىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ ئىستاستىكا قىلىپ چىققان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان ۋە كۆپىيۋاتقان دىن ئىسلام دىنى ئىكەن. دۇنيا مىقياسىدا 2010-يىلىدىكى ئېلىپ بېرىلغان ئىستاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2.2 مىليارد كىشى بىلەن دۇنيا نۇپۇسىنىڭ يۈزدە 31% نى خىرىستىئانلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بولسا 1.6 مىليارد بولۇپ دۇنيا نۇپۇسىنىڭ يۈزدە 23% نى تەشكىل قىلغان ئىدى.
پېۋ تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، 2050-يىلىدا دۇنيادىكى مۇسۇلمان نۇپۇسى، خىرىستىئان نۇپۇسىنىڭ سانى بىلەن يېقىنلىشىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا يېڭى ئۆزگىرىشلەر داۋاملاشقان ئەھۋالدا 2050-يىلىدا دۇنيا نۇپۇسى 9.3 مىليارد بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇپۇسى 2.8 مىليارد، خىرىستىئانلارنىڭ نۇپۇسى 2.9 مىلياردقا يىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارنىڭ نۇپۇسى دۇنيا نۇپۇسىنىڭ يۈزدە 30% نى تەشكىل قىلىدۇ، خىرىستىئانلارنىڭ نۇپۇسى بولسا 2010-يىلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ يۈزدە 31% دە تۇرۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.
2010-يىلىدىكى 13 مىليون 680 مىڭ يەھۇدىي نۇپۇسىنىڭ 2050-يىلىدا 16 مىليون 90 مىڭغا يىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تەكشۈرۈشتە مۇسۇلمانلار نۇپۇسىنىڭ كۆپىيشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا ياشلار نۇپۇسى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى دەپ كۆرسىتىلگەن، بۇنىڭغا قارىغاندا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى 3.1 نىسبەتتە، خىرىستىئانلاردا 2.7 نىسبەتتە، ھىندىيلاردا 2.4 نىسبەتتە، يەھۇدىيلاردا 2.3 نىسبەتتە ئىكەن.
ئ‍امېرىكىدا 2010-يىلىدا نۇپۇسنىڭ يۈزدە 78.3 % نى تەشكىل قىلىغان خىرىستىئانلارنىڭ ، 2050-يىلىدا يۈزدە 66.4% كە چۈشۈشى، ھېچقانداق ئېتىقادقا تەۋە ئەمەسلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ يۈزدە 16.4% تىن يۈزدە 25.6% گە چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يەھۇدىيلارنىڭ يۈزدە 1.8% دىن يۈزدە 1.4% كە چۈشىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇپۇسىنىڭ يۈزدە 0.9% دىن يۈزدە 2.1% گە چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



03-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شۈن 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ «نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب ...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقتىكى سىتۇدېنت قىز ۋاڭ شەن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تارقاتقان 2015 - يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چولپىنى» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئ...
30-04-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «تەنھەرىكەت، ساغلاملىق _ مېنىڭ خۇشاللىقىم» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى بالىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاپرېل ...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك 1-قوش تىللىق بالىلار يەسىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»نى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ، كۆرگەزمە تەشكى...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
29-04-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»، «ئىدىيىۋى ئەخلاق» قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسمىنى ...
29-04-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تەكشۈرۈش-بېكىتىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ...
29-04-2016
    كىشىلەر دائىم تەبئىي تالانتلىق كىشىلەر بىلەن ساراڭلارنى ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىككەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگ...
28-04-2016
     «كىچىك 211» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتې...
28-04-2016
      4-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلى...
Powered by Leglek