ئىتالىيەكامېرىنو ئۇنۋېرسىتى فىزىكا كەسپىگە ماگىستىرلىق ئوقۇشقائىلتىماس قىلىش ئۇچۇرى

كامېرىنو ئۇنۋېرسىتى (UniversitàdegliStudi di Camerino ) ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنۋېرسىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەبئي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. كامېرىنو ئۇنۋېرسىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان بولۇپ ، ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
فىزىكا فاكۇلتىتىگەرچە كۆلىمى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، نوقتىلىق ساھەلەردە، مەسىلەن: قاتتىق جىسىمنەزەرىيەسى X ,-نۇرى سپەكتراسى، قېتىشماھالەت فىزىكىسى، ماتېرىيال فىزىكىسى ، كىۋانتۇم ئوپتىكىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارخەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھازىرغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتماقتا.
فىزىكافاكۇلتىتىنىڭ تور بەت ئادىرىسى:

 


http://d7.unicam.it/fisica

 

 

ئوقۇش ئىككى يىللىق بولۇپ،ئەھۋالغا ئاساسەن بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچىئېراسمۇس(Erasmus)پىلانى ئىچىدە بولۇپ، پولشا ،ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتلاردا ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنۋېرسىتتا بىريىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ، ئاخىرىدا ھەر ئىككى ئۇنۋېرسىتتىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ.

ئەگەر سىز بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ كامېرىنو ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇپ قالسىڭىز تۆۋەندىكى بىر قانچە پايدىلىق شارائىتلاردىن بەھرىمان بولالايسىز:

1.ئىقتىسادى جەھەتتىن كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ئەگەر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىسىڭىزبىر يىللىق (ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىلنى ئوز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەقسىز ياتاق،تاماق بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىدا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 1800 ياۋرو ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئىمكانىيتى بار.بۇ مۇكاپات بىلەن ھىچقانچە قىينالماي ئوقۇيالايسىز. بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇشقاكىرگەندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارمۇكاپاتى(Grant for excellent students) دېگەن يەنە بىر مۇكاپات تۈرى بار بولۇپ يۇقارقى ئوقۇش(Borsa di Studio) مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلاربۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامېرىنو كىچىك شەھەر بولۇپ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا تەتىل مەزگىلدىمۇ سىزگە كۆپ ئىقتىسادى بېسىم بولمايدۇ.

2.ئىتالىيە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ مائارىپى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەم تەتقىقات شارائىتى ياخشى. سىز ئىككى يىللىق ماگستىرلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى تاپالايسىز.

3.ئىتالىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاسان، ئەلچىخانىدا قويۇلىدىغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس ھەم ئاساسى جەھەتتىن ۋىزا ئالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت، بۇ سىزنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ياكى تۇرمۇش پىلانلىرىڭىزغا پايدىلىق شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

 


قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

 


1. ئىلتىماس قىلغۇچى بۇيىل ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس فىزىكا كەسپىنى تاماملايدىغان ياكى تاماملىغىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت يىل بولغان بولۇشى، فىزىكا كەسپىگە بولغان قىزىقىشى يۇقىرى بولغان بولۇشى كېرەك.
2. تولۇق كۇرس كەسپى نەتىجىلىرى ياخشى بولۇشى،بولۇپمۇ فىزىكا ۋە ماتېماتىكا كەسپى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولىشى كېرەك.
3.ئىنگلىزچە ئاساسى ياخشى بولۇشى، بولۇپمۇ ئايلتىس (IELTS)ياكى توفىل (TOEFL) ئىمتاھان نەتىجىسى بولۇشى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنىدۇ. (ياكى باشقا ئىنگلىزچە سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئارقىلىقئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە دەرسلەرنى ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك)

 

4. ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم سەمىمىي، ساپالىق، ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئىجتىھاتچان بولۇشى كېرەك.

 


بۇ شەرتلەرگە توشىدىغان ۋە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلار قىسقىچە تەرجىمھال،تولۇق كۇرس نەتىجە جەدۋېلى ، باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ۋە پروففېسورنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى(چوقۇم شەرت ئەمەس) قاتارلىقلارنى تۆۋەندىكى ئىلخەتكە يوللاپ بەرسەڭلار بولىدۇ.

 

 

ئىلخەت ئادىرىسى : physicsunicam@gmail.com
ماتېرىياللارئىنگلىزچە بولۇشى ھەم PDF فورماتىدا بولۇشى شەرت.
سىزلەرگەئۇتۇق ۋە سالاملار بولسۇن...
2014-يىل1-ئاينىڭ 28-كۈنى



18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek