ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بولدى

ئۇكرائىنا جامائەتچىلىكىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمى ۋەزىيىتىدە كرىزىس كېلىپ چىققاندىن كىيىن بۇ كېلىشىم بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق يېقىندا ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بۇ كېلىشىمنىڭ قالغان قىسمىنى ئىمزالىدى، بۇ ئۇكرائىنا جامائەتچىلىكى بىلەن رۇسىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 27-ئىيۇن بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياز پەسىللىك باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنا بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنىڭ قالغان قىسمىنى ئىمزالىدى.


ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنى ئىمزالاشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقتىن، بۇ قېتىمقى ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغان ئىدى.


بۇ كېلىشىمىنىڭ ئىقتىسادىي قىسمىدا مۇنۇلارنى بەلگىلەندى: ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر گەۋدىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەركىن سودا رايونى قۇرىدۇ. كېلىشىم كەڭ دائىردىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. سودا ھەمكارلىقى جەھەتتىكى بىر قىسىم ماددىلار ۋە سودا سىياسىتى ئىمپورت ئېكسپورت تاموژنا بېجى نىسبىتى، تېخنىكا قورغىنى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ۋاسىتىلەرگە چېتىلىدۇ. بەلگىلىمىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۆل ئېكسپورت باج سودىسىغا كىرىدۇ.


ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشى ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى بىرىكتۈرۈشى ئۇكرائىنا ئۈچۈن يېڭىدىن سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قىلىدىغان يىللىق ئېكسپورتى 1 مىليارد ياۋرو كۆپىيىشى مۇمكىن. سودىدا ئېتىبار بېرىلىشگە ئېرىشكەندىن سىرت، ئۇكرائىنا يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ياردىمىگە داۋاملىق ئېرىشىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كىيىن ھەر يىلى ئۇكرائىنا 1 مىليارد 200 مىليون ياۋروپا كىرىم قىلىدىكەن.


ئۇكرائىنا جەمئىيىتى ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ كېلىشىمگە ناھايىتى يۇقىرى ئۈمىدتە بولدى، ھەتتا شېرىن خىياللاردا بولدى. ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا بىلەن تېزدىن بىر گەۋدىلىشىپ، ئىقتىسادىنىڭ زور تەرەققىي قىلىپ ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تېزدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، غەرب ئەللىرىگە ئەركىن ساياھەتكە بېرىش ۋە ئۇ يەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.


بىراق، يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كىشىلەر، بۇ كېلىشىمگە گۇمانى پوزىتسىيەدە بولماقتا. ئۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىرقى باسقۇچتا بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاش پايدىسىز. 1. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئاساسلىق بازىرى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بۇ كېلىشىم ئىمزالانسا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا سودا جەھەتتە ئېتىبار بەرمەيدۇ، ھەتتا جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ. بۇ ھەر يىلى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. ئۇكرائىنانىڭ كۆپلىگەن مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولغاچقا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بازىرىغا كىرىشى قىيىنغا توختايدۇ، بىراق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇكرائىنا بازارلىرىغا توسالغۇسىز كېرىدۇ، بۇ ئۇكرائىنا زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى تارايتىپ، ئۇكرائىنا ئىقتىسادىغا پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ.


بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر مەزگىلدىن كىيىن، كېلىشىمنىڭ پاسسىپ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار نېفىت، تەبىئىي گاز، توك قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ، ئۇكرائىنادا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار سېتىلىشدىن توختاپ بىر تۈركۈم كارخانىلار ۋەيران بولىدۇ، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى چوڭىيىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشنى قوللايدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، جەمئىيەتتە يەنە بىر قېتىم مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسىكوف مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنىڭ قالغان قىسمىنى ئىمزالىغاندىن كىيىن، رۇسىيە تەدبىر قوللىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى قوغدايدۇ.


رۇسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنىڭ ئىقتىسادىي قىسمىنى ئىمزالىغاندىن كىيىن، رۇسىيە بىلەن ئىلگىرىكى شەرتلەر بىلەن سودىلىشالمايدۇ. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر رۇسىيە تەدبىر قوللىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ بازىرىنى قوغدايدىغان بولسا، ئۇكرائىنا يېقىنقى بىر يىلدا 30 مىلياردتىن 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىدىكەن.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى يەنە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد-سودا سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
30-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يېڭى ئەسكەرتىش چىقىرىپ: ئىشەنچىلىك بىشارەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تۈركىيە ساياھەت رايونلىرى تېررور...
27-04-2016
   ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6- قانىلىدا بۇلتۇر 11-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق دېلوسىدىكى بىر نەپەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغۇچىنىڭ بومبىن...
27-04-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا ئالاقە تورى ساغلاملىق ئىنقىلابىدىكى ئاۋانگارت ۋە ئالدىدا ماڭغۇچى Withings نى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 170 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 190 مىليون ...
27-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 16 ياشلىق قىز ساۋاقدىشى بىلەن «يىگىت تالىشىپ» مەكتەپداشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان، ئاخىرىدا ھاجەتخانىدا كۆپ ئادەمدىن تاياق يەپ جېنىدىن ئايرىلغان. ...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەدە 53 ياشلىق يۈك ماشىنىسى شوپۇرى 10 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىندى، ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرم...
27-04-2016
 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى: 2015-يىلى 11-ئايدا فىرانسىيە پارىژدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 130 ئادەم قازا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تۇنجى قېتىم ۋېدىئو...
27-04-2016
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 26-ئاپرېل ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە خەلقئارا تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن ھەمدە دەرۋازىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەردو...
27-04-2016
     ئوباما : پۇتىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى...... پۇتىندەك بۇنداق ئادەملەر ياۋروپادىكى كىچىككىنە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25- ئاپرېل پۇتىنن...
Powered by Leglek