تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، خەلقارا تېلېگىراف بىرلەشمىسى بۈگۈن «2015-يىللىق ئۇچۇر جەمىيىتى تەرەققىيات» دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىللىق پۈتۈن دۇنيا ICT تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە كورىيە بىرىنچى ئورۇندا جۇڭگو 82-ئورۇندا تۇرغان، جۇڭگو 2010-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 5 رەت ئالدىغا سۈرۈلگەن.
IDI رەت تەرتىپىدە دانىيە، ئىسلاندىيە، ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە، ليۇكسېمبورگ، شىۋىتسارىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى كورىيىنىڭ كەينىگە تىزىلىپ 2-8 گىچە بولغان رەتتە تۇرغان، جۇڭگو شىياڭگاڭ 9-رەتكە تىزىلىپ تۆت رەت ئالدىغا تىزىلغان، ياپونىيە 11-رەتكە تىزىلىپ ئەسلىدىكىدىن 2 رەت چېكىنگەن، ئامېرىكا 16-رەتكە تىزىلىپ بىر رەت ئالدىغا سۈرۈلگەن. بۇ رەت تەرتىپىنىڭ نەتىجىسى بىرەر رايوننىڭ ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى ۋە تېخنىكا بازىرىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىگەن. مەسىلەن ئالما شىركىتى ۋە باشقا تېخنىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو بازىرى بۇ رەت تەرتىپىدە 82-ئورۇنغا تىزىلغان. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ سانى 3 مىليارد 200 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %43.4 بولغان. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى داۋاملىق ئاشقان، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى 7 مىليارد 100 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى %95 ئابونت بىر كۆچمە ئۈسكۈنگە ئىگە ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved