ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 8-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ساقچىلىرى شەھەر ئەتراپىدا بىر قىزنىڭ جەسىتىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ خىل پاجىئەنىڭ ئۇدا يۈز بېرىشى كىشلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا نامايىشقا چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نىپاللىق 28 ياشلىق قىز بولۇپ، نېرۋىسى ئاجىز ئىكەن، ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ- قوپۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىكەن. ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ قىز زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن بۇرۇن جىنايەتچىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان.
ئىگىلىنىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 1-فېۋرال كۈنى يۈتۈپ كەتكەن، يۈتۈپ كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن جەسىتى يول ياقىسىدا بايقالغان. ساقچىلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى: ساقچىلار ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ كېتىۋاتىدۇ، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved