13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

        30-يانۋار، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتقان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار ۋە ئەزىز مېھمانلار ئىناق، شادىمان كەيپىياتتا، 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.

        13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېپىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى ھەمدە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2020-يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېپىلىش مۇراسىمىدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنلې مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى گاۋ جىدەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‹‹تەنتەربىيە ئەخلاق ئىستىل مۇكاپاتى››، ‹‹مۇسابىقىگە قاتنىشىش خاتىرە مۇكاپاتى›› ۋە مۇنەۋۋەر پىدائىيلار، پىدائىيلار خىزمىتىدىكى ئىلغا كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارنى ئوقۇدى.

دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەردىن ياڭ شۇئەن، زو شياۋپىڭ، لى يىڭچۈەن، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، ليۇ شىنچى، جۇ چاڭجيې، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
15-ماي «جۇڭگو ئارزۇسى . يىپەك يولى مۇھەببىتى» شىنجاڭ رەسساملار يۇرتى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى.   بۇ قېتىملىق ئەسەرلەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، باسما رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچ...
16-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، فرانسىيەنىڭ ساينت نازايرې، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت پاراخوتى بولغان «دېڭىزدىكى تىنچلىق» ناملىق پاراخوت كېمە ياساش زاۋۇتىدىن ئايرىلىپ، كېلەر ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق سەپىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە...
16-05-2016
T-Bag تۈرمىدىن قېچىش، روبېرت (Robert Lyle Knepper) رول ئالغان تۈرمىدىن قېچىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئوبراز كىم؟ ئەگەر تاللاش ھوقۇقىنى ئامېرىكا فىلىم مەستانىلىرىگە بەرسەك ئۇلار بەلكىم ئەڭ چوڭ سەلبىي ئوبراز T-Bag نى تاللىشى مۇمكىن...
15-05-2016
ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق گىلبېرت ئوت ۋە لاۋرا بۇرنىس ئىسىملىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق تېجەشچانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى شىياڭگاڭ، توكيو ۋە باڭكو...
15-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     5-ئاينىڭ 14-كۈنى، چى خەيلىياڭ قىزى چى لىيۇ يى بىلەن بىللە يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. 34 ياشلىق چى خەيلىياڭ بىر كىلاسسىك مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇ...
15-05-2016
   قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولغان مىڭشېڭ خەلقئارالىق مەيدانى بىلەن جۇڭگو كىنوخانا لىنىيەسى، چىلېئېر (ئالاھىدە شاد- خۇرام بالىلار) بالىلار ئاساسى تېمىسىدىكى باغچا رەسمى توختام ئىمزالاپ، جەنۇب...
14-05-2016
NO.10 جەمىس ئەر-ئايال: جەمىسنىڭ بەدىنى ناھايىتى كېلىشكەن، بىراق چىرايى سەل قوپالراق كۆرۈنىدۇ (4.2 نومۇر ). ئايالى ساۋاننا تەنناز ۋە جەلىپكار ئايال (4.6نومۇر). ئومۇمىي نومۇرى 8.8.  NO.9 دانكىن ئەر-ئايال: تىم دانكى...
14-05-2016
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە، بىز مارۋېلنىڭ يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانى «قارا قاپلان» نىڭ مارۋېل كىنوچىلىقى سىرلىق يېڭى فىلىمىدىكى باش قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يېڭى خەۋەر...
14-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ماي گوللاندىيە ئامستېردام، ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ كوچىدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا قاتناشتى. گوللاندىيە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ، خىزمەت كىيىمى كىيىپ يۈگۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، مۇسابىقىگە ...
Powered by Leglek