ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەتقاسىم جامال خەۋىرى، فوتوسى: كېرىيە ناھىيەسىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 21-، 22-، 23-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن كوماندىلاردىكى ماھىرلار مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، ئۆز جايلىرىنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ پاراتتىن ئۆتتى.
19 كوماندىدىن كەلگەن 1280 ماھىر ئىت تالاشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئەر-ئاياللارنىڭ 1500 مېتىرغا يۈگۈرۈش، مىللىيچە چېلىشىش، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، 1000، 3000، 5000 مېتىرلىق ئات بەيگىسى، ئات يورغىلىتىش، 2000 مېتىرلىق تۆگە چاپتۇرۇش، ياغاچ كېسىش، مەررە توپ، گاگا ئويۇنى، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، ئوغلاق تارتىشىشى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كەسكىن مۇسابىقىلەشتى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved