يېقىندا شەھىرىمىزدىكى BRT نىڭ 4 - (1- قارارلىق) ۋە 6- لىنىيەسىدىكى بېكەتلەرنىڭ نامىنى بېكىتىش ئاخىرلاشتى. BRT نىڭ 4- لىنىيەسى(1- قارارلىق) ىدە 19 بېكەت، BRT نىڭ 6- لىنىيەسىدە 22 بېكەت تەسىس قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى لىنىيەنى ياساش قۇرۇلۇشى ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلىنىدىكەن. BRT نىڭ 6- لىنىيەسىنىڭ سېغىزدۆڭ (شەھەرنىڭ شىمالىي چېتى) يولۇچى توشۇش بېكىتىدە BRT نىڭ 7- لىنىيەسىگە ئالماشقىلى بولىدىكەن؛ BRT نىڭ 4- لىنىيەسىنىڭ ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، ئوق قازان زاۋۇتى بېكىتىدە BRT نىڭ 1- لىنىيەسىگە ھەقسىز ئالماشقىلى بولىدىكەن، «قىزىلتاغ» بېكىتىدە BRT نىڭ 1-، 2-، 7-لىنىيەلىرىنىڭ تۈز لىنىيەلىرىگە ھەقسىز ئالماشقىلى بولىدىكەن. BRT نىڭ 4-، 6- لىنىيەلىرىنىڭ بېكەت سۇپىسى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئالاھىدە يول بۆلەكلىرىدە يولنىڭ يان تەرىپىگە تەسىس قىلىنغان.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved