يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.بۇلتۇر ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتى شۇ جاي ۋاقتى 6-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتنى ئومۇميۈزلۈك رەسمىي قولغا ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت مۇشۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتى 6-يانۋار يېڭىدىن 71 پارلامېنت ئەزاسىنى كۈتىۋالدى. ئاۋام پالاتاسىدىكى 58 پارلامېنت ئەزاسى شۇ كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن 43 خادىم بار. ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سانى 246 گە يېتىپ، 1930-يىلدىكى بۈيۈك دېپرېسسىيەدىن بۇيانقى ئەزا سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك پالاتا بولۇپ قالدى.
شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسى بېلەت تاشلاپ پالاتا باشلىقىنى سايلىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى جون بونا يەنە بىر قېتىم سايلىنىپ، 3-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلىدى. بونا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىككى پارتىيىنىڭ ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى، رىقابەت ئېڭىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ھەم ئاخىرلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جون بونا:ئالدىنقى نۆۋەتلىك پارلامېنت ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان كۆپ تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش قانۇن لايىھەسى چوڭ پارتىيە ۋە ئاز سانلىقلار پارتىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، بىز مۇشۇ ئورتاقلىق ئاساسىدا خىزمەتلەرنى يولغا قويۇپ، شىمالىي ئامېرىكا ئېنېرگىيەسىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئىشچىلىرىنىڭ پىنسىيە پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كۆپلەپ ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىمىز."
شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 13 يېڭى ئەزاسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارلامېنت ئەزاسى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. ئوڭۇشلۇق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەككوننېل ئاۋام پالاتاسىدى
كى چوڭ پارتىيىنىڭ رەسمىي داھىيسى بولدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 2014-يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاۋام پالاتاسىدىكى چوڭ پارتىيىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان. بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بۇندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا پارلامېنتتىكى كونتروللۇق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تاراتقۇلار مۇنداق تەھلىل قىلدى. ئوباما زۇڭتۇڭلىقىدىكى ئاخىرقى ئىككى يىلدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كونتروللىقىدىكى پارلامېنت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان تېمىلار ئۈستىدە كەسكىن تالاش-تارتىش بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوباما تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇندىن كېيىنكى ھاكىمىيىتىدە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved