يەر شارى خەۋەر تورى 11-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: غەززەدىكى قامالنى بىكار قىلىش مەقسىتىدە شىۋىتسىيە ۋە نورۋىگىيەلىك پائالىيەتچىلەر بېلىقچى كېمىسى بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ گۆتەبورگش شەھىرىدىن غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى. شىۋىتسىيە ۋە نورۋىگىيەلىك 13 نەپەر پائالىيەتچى ئىنسانىي ياردەم ئەشيالىرى قاچىلانغان «مارىياننە» ئىسىملىك بېلىقچى كېمىسى بىلەن ئىيۇن ئېيى ئوتتۇرىدا غەززەگە بېرىشنى پىلانلىماقتا.
كېمىدىكى پائالىيەتچى Mikael Karlsson مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قامىلىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەگە كىرگىنىمىزدە بىزگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قامىلىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان 5 كىمە 2008-يىلى قامالدىن ئۆتۈپ غەززەگە يىتىپ بارغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 2010-يىلى غەززەگە ئىنساني ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققان «ماۋى مارمارا» پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىپ 10 نەپەر تۈركىيەلىكنى ئۆلتۈرۋەتكەن، 50 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved