☆ تەقدىرگە رەھمەت،تەقدىر بەزىدە قوناق شېخىغا لاچىن قوندۇرىدۇ،بەزىدە شوخ مارالنى كېگىز ئۆيدە ئۇخلىتىدۇ.
☆ دۇنيادىكى ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى،دۇنيادا خاپىلىق بولمىغان بولاتتى.
☆ ئۇلۇغ مەقسەتنى كۆزلىگەن ئادەم ئۈچۈن ھىسياتقا ،شەخسى ھەۋەسكە بىرىلىش ئىرادىسىزلىك سانىلىدۇ .
☆ گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .ۋايىغا يەتكۈزمەي ئۇنى مەجبۇرىي ئچىلدۇرىمەن دىسەڭ ئۆلتۈرىسەن.
☆ قىيىن شارائىت ئىنسان ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم.
☆ ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ،ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ.بىر كېسەك ياراتساڭمۇئىنسانسەن. بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن ، لىكىن باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ يەۋەرسەڭ ،يايرىغان ، سەمرىگەن،نام ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋانسەن.
☆ پەزىلەتلىك ئادەمنىڭمۇ ئەيىبى بولىدۇ. يېقىن دوستنىڭ بىرلا ئەمەس ، بىر قانچە ئەيىبىنىمۇ كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
☆ ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق ئادەمنىڭ باشقا پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
☆ ئۇلۇغ ئىشقا بەل باغلىغان بىر ياش تەلەپچان ۋە قەتئىي بولمىسا،ھەر قانچە ئەقىللىق بولغىنى بىلەنمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ . ئەقىل سېنى غايە يولىدا ئۇچۇرىدىغان قانات ، تەلەپچانلىق بىلەن قەتئىيلىك شۇ قاناتقا ھەرىكەت بېرىدىغان كۈچنىڭ مەنبەسى.
☆ ياشاشتىكى مەقسىتىمىز - ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈش ۋە شان– شەرەپ ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئىنتىلىش.
☆ دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ لەززەتلىك ئىش بار. ئۇبولسىمۇ غايە يولىدا ئىزدىنىش.
☆«قوغلىغاندىن قاچ، قاچقاننى قوغلا»دەپتىكەن. ئوڭايلا ساڭا بېرىلگەن قىزنىڭ قانچىلىك قەدىر-قىممىتى بولاتتى؟
☆باشقىلارنى بەخىتسىزلىككە ئۇچرىتىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىك.
☆ ئىنسان بار ئىكەن مۇھەببەت بار بولىدۇ، ئىنسان ئۈچۈن مۇھەببەت يۈكسەك قەدىر-قىممەتكە ئىگە بىر پەزىلەت.
☆خىيالدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈش بىر چوڭ سىناق، كىتابلاردىكى چىرايلىق سۆزلەرنى يادلىۋالغان بىلەن ئىستىقبال قولغا كەلمەيدۇ.
☆ ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش - بىر ئىنسانىي خىسلەت.
☆ تۇرمۇش جەڭگىۋار ھاياتنىڭ بىر قاينىمى بولسۇنكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ھېچكىم قىيا كۆزىنى سالمايدىغان شىۋاق باسقان بىر چۆل بولۇپ قالمىسۇن.
☆ ئەمەلىيەت بىلەن كىتاب ئەقىدىلىرى ئوتتۇرسىدا بىر كۆرۈنمەس سېپىل بولغانغا ئوخشاش ، بىزنىڭ ھاياتقا قارىشىمىزدىمۇ بىزنى مەڭگۈ ئايرىپ تۇرىدىغان بىر خىل يۇشۇرۇن سېپىل بار.
☆بەزىدە سەۋرى- تاقەتمۇ بەخىت كەلتۈرىدۇ . لېكىن بەزىدە سەۋرى- تاقەتمۇ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ . مەن نېمىشقا ھالال ئەمگىكىم بىلەن ھاياتىمغا يېڭى مەنە - خۇشاللىق بېرەلمەيمەن؟
☆ ساپ مۇھەببەتلىك پاكىز يۈرەكنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
☆ ئۈمىدۋارلىق - ئەڭ چوڭ بايلىق، كەڭ ئالىي پەزىلەت.
☆ كەچۈرۈش كېرەك. ئۆزۈڭنى پۇتلىغان بىرسىنى كەچۈرۈش - كەچۈرمەسلىكىڭ سېنىڭ پەزىلىتىڭگە باغلىق. ساڭا تىغ ئۇرمىغانلا بولسا سەن ئۇنى ئۆز پەزىلىتىڭ بىلەن قولىدىكى تىغنى تاشلاشقا مەجبۇر قىل . ھەرگىزمۇ ئۇنى تىغ ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويما.
☆ بەزى ئادەملەرنىڭ نادان بولۇپ ئۆسكەنلىكىدىن رەنجىشنىڭ ھاجىتى يوق بىراق ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نادانلىقتىن قۇتۇلغان . ئۇلار سېنى ئۆزىدىن تۆۋەن ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سېنى باشقۇرىدۇ.ساڭا ئىش بۇيرۇيدۇ. ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى ئاقككڭۈل ۋە مېھرىبان،لېكىن ئۇلار ھاياتقا ھامان شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلىدۇ.مەسىلەن: گۈزەل بىر باغقا بىر ئېشەك كىرىپ قالغان بولسا ، ئۇلارمۇ ئېشەكنى ھەيدەيدۇ. لېكىن ئېشەكنى ئۇرۇش ئۈچۈن باغدىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلىك دەرەىنى ئوشتۇپ تاياق قىلىۋالىدۇ!...
☆ ئۆزۈڭنىڭ كىم ۋە قانداق ئادەم بولۇشۇڭنى غايە ۋە ئىنتىلىشلىرىڭ ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ تەلىپى بەلگىلەيدۇ.
☆ قانائەت - كۆرەڭلىكنىڭ باشلىنىشى . قانائەت قىلماسلىق - بىلىم تەشنالىقى ، ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدىغان پەزىلەت، سىزدىكى روھى قانات...
☆ ئادەمنىڭ قەلبى ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ بىرلا سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ.
☆ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ. سەۋەب كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ.
☆ كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلىدۇ، لەززىتىنى دىل.
☆ دەرەخكە ياپراق قانچىلىك زۆرۈر بولسا ، ئىنسانغا پەزىلەت شۇنچىلىك زۆرۈر. خۇددى نەچچە كىشىنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان دەرەخنى ئادەمنىڭ كۆزىچىلىك يوپۇرماقلار ياشناتقىنىغا ئوخشاش، ئىنساندىكى ئەخلاق – پەزىلەتنىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇششاق - چۈشەك نەرسىلەر تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved