يانفونغا ئالتۇندىن ھەل بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋېيتنامدىكى Karalux شىركىتى يىقىندا يەنە يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم ئۇلار قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى بۇلتۇر ئېلان قىلغان، پورسچى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ لايىھەسى بىلەن قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ تېخنىكىسى ئارقىلىق روياپقا چىققان P9983 يانفونىنى تاللىغان. ئەگەر سىز قارا بۆلجۈرگەننىڭ Blackberry OS 10.3 مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياقتۇرسىڭىز، شۇنداقلا ئالتۇنغا بۆلەكچە ئىشتىياقىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئالتۇن يالىتىلغان نۇسخىدىكى بۇ قارا بۆلجۈرگەن-پورسچى يانفونى سىزگە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن.
ئالتۇن يالىتىلغان P9983 يانفونىنىڭ خەلقئارالىق سېتىش باھاسى 2440 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا 15800 يۈەن ئەتراپىدا) بولۇپ، ھازىر زاكاز قىلىش باشلانغان. ئەگەر ۋېيتنامنىڭ ئۆزىدىن بىۋاستە سېتىۋالغاندا، باھاسى 2219 دوللار (14400 يۈەن) غا توختايدىكەن.
ئىزاھلاپ قويۇشقا تىگىشلىكى، ئالتۇن يالىتىلغان نۇسخىدىكى P9983 نىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان. بۇ يانفوننىڭ رازمېرى 119x67.1x10.6 مىللىمېتىر ئۆلچىمىدە ياسالغان، ئېغىرلىقى 140 گىرام، ئېنىقلىقى 720×720 بولغان 3.1 دىيۇملۇق ئېكران ۋە QWERTY پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن. ئۇندىن باشقا، چاستوتىسى 1.5GHz بولغان كۇۋالكوم S4 Plus تىپلىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئىككى مىليون ۋە سەككىز مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىق سەپلىمىلەرگە ئىگە بولۇپ، 1200 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن، باتارىيەسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.
Karalux شىركىتى ئابونتلارنى ئىككى خىل سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگەن. يۇقارقىسى ھەم يانفون ۋە ھەم ئالتۇن يالىتىش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى P9983 يانفونىنى سېتىۋالغان ئابونتلار پەقەت 665 دوللار (4306 يۈەن) تۆلەپ، Karalux شىركىتىنىڭ ئالتۇن يالىتىش مۇلازىمىتىنىلا سېتىۋالسىمۇ بولىدىكەن. بۇ خىل مۇلازىمەت ھەققى يەنە ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇننىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved