سىنا تورى 29-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى روسىيەنى جازالاشنى كۈچەيتكەندىن كىيىن، بۇ دۆلەت يەنە روسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشنى چەكلەشنى قارار قىلغان. لېكىن بۇ قارار ئارقىدىنلا روسىيە تەرەپنىڭ «ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان». فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 29-سېنتەبىردىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، روسىيە قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى شۇ يەر ۋاقتى 28-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: روسىيە 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئۇكرائىنا نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىمەكچى بولدى، دېگەن.
روسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە فېدېراتسىيەسى قاتناش ئىشلىرى تارمىقى ئۇكرائىنا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئاللىقاچان ئۇقتۇرۇش قىلغان بولۇپ، ئۇلار 10-ئاينىڭ 25-كۈندىن باشلاپ روسىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەن.
خەۋەردە دېيىلىشچە، بۇ ھەرىكەت ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە روسىيەنىڭ ئىككى دانە ئاۋئاۋتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ چېگراغا كىرىشىنى چەكلەشكە قارتا ئۆچ ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇكرائىنا تەرەپمۇ 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ روسىيە ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ھەرىكىتى روسىيەنىڭ قىرىم رايونىنى يۇتۇۋېلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئۆكتىچى ئارمىيەسىنى قوللىغانلىقىدىن ئۆچ ئالغانلىق ئىكەن. روسىيە ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ بۇ قىلمىشىنى «غالجىرلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئىگىلىنىشچە، 16-سېنتەبىر، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پىروشىنكو روسىيە كارخانىلىرى ۋە شەخسىلەرگە قاراتقان ئىقتىسادى جازانىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن بولۇپ، 400 نەپەر روسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە 90 دانە روسىيە شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved