ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەنۋەر كارىكاش بىلەن ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇللا سالىھ 31-مارت ئايرىم-ئايرىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بالدۇرراق ئۇتۇق قازىنىشنى خالايدۇ.
جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چاڭ خۇا شۇ كۈنى ئابۇزابىدە كارىكاش ۋە ئابدۇللا بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشكەن ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىگە ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەسەۋۋۇرى ۋە ھەرىكىتى›› توغرىسىدىكى ھۆججەتنى تاپشۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved