جوڭگۇ خەۋەرلەر تورى 28-مارت ئىلان قىلىپ ،چەتئەل ئاخباراتلىرىغا ئاساسلانغاندا،ئاۋستىرالىيە دىڭىز ئىشلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى 28-مارت كۈنى يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلاننى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش جەريانىدا بەش ئايرۇپىلاننىڭ ھەرخىل لەيلىمە جىسىم ئۇچراتقان،ئارقىدىنلا بۇ لەيلىمە جىسىملارنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە،شۇ كۈنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇشقا بارغان ئون ئايرۇپىلاننىڭ ئىچىدىكى بەشى ھەرخىل رەڭدىكى لەيلىمە جىسىمنى ئۇچراتقان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆك رەڭلىك ۋە كۈل رەڭلىك ئىككى لەيلىمە جىسىم يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ رەڭگىگە ئۇخشايدىكەن.
ئاۋستىرالىيە تەرەپ ھازىرچە بۇ لەيلىمە جىسىملارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلان بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىغا ئىنىق جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقىنى،يەنىمۇ ئىچىكىرلەپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئىيتقان.
ھازىر جوڭگۇ ‹دىڭىز چارلاش01 ›كىمىسى ئاۋستىرالىيەنىڭ بۇ لەيلىمە جىسىم توغرىسىدىكى ئۇقتۇرىشىىدىن خەۋەردار بولغان،ھەم تىز سۈرئەتتە گۇمانلىق رايونغا قاراپ يول ئالغان،ۋە شۇ كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى 23:30 دا بىرىپ بولدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.ئاۋستىرالىيە ئىدارىسى 28-مارت ئىشەنچلىك يىپ ئۇچىغا ئاساسلىنىپ،ئايرۇپىلاننى ئىزدەش دائىرىسنى غەربىي شىمالغا 1100 كىلومىتىر يۆتكەشنى قارار قىلغان.
بۇنداق قىلىش ئايرۇپىلاننى ئىزدەشكە پايدىلىقكەن.يىڭى يىپ ئۇچىدا كۆرسىتىلىشىچە،چارلاش دائىرىسى تەخمىنەن 319مىڭ كىلومىتىر بولۇپ،بوسنىڭ شەرق تەرىپىگە 1850 كىلومىتىر بار ئىكەن.ھازىرقى چارلاش دائىرىسى بولسا بوسقا 2500 كىلومىتىر كىلىدىكەن.
ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن 10 ئايرۇپىلان 28-مارت جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى چارلاش پائاليتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن،چۈنكى 27-مارت ھاۋا ناچار بولغاچقا ھەركەت توختاپ قالغان.
تىڭشۈن خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved