شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .فرانسىيە ،گېرمانىيە ،رۇسىيە ئۇكرائىنا قاتارلىق تۇت دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى شۇ يەر ۋاقتى 24-فېۋرال پارىژدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ،ئوكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپكە يېڭى مىنىسكى كېلىشىمدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى ،ياۋروپا خەۋەپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈش كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى .
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى :فرانسىيە گېرمانىيە رۇسىيە ئۇكرائىنا تۆت دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارىژدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى .ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمى ۋەزىيىتىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىپ ،يېڭى مىنىسكى كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇرۇش توختىتىش مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى .تۆت دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئوكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىكى تەرەپكە تېزدىن ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى .ياۋروپا خەۋەپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق پەۋقۇلئاددە كۆزىتىش ئۆمىكىدىن خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ،ھەر قايسى تەرەپلەردىن ياۋروپا خەۋەپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە كۆزىتىش ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ،خىزمەتچى خادىملارنى بارلىق رايونلارغا كىرىپ ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىندى .
تۆت دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا ياۋروپا خەۋەپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيە (نىڭ تېزدىن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى ھەر بىر رايونغا شەرتسىز كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى .باياناتتا فرانسىيە گېرمانىيە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە كېڭىشىدىغانلىقىنى ،زۆرۈر بولغاندا تۆت دۆلەت دىپلوماتىيە مىنستىرلىرىنىڭ يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved