خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
تۈركىيەدىكى بىر باي يېقىندا شىركىتىنى سېتىپ، 100دىن ئارتۇق خىزمەتچىسىگە مەردلىك بىلەن پۇل تارقاتقان، ھەربىر كىشى ئوتتۇرىچە 240 مىڭ دوللار دارامەتكە ئېرىشكەن. بۇ خوجايىنمۇ «تارىختىكى ئەڭ مەرد خوجايىن» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»تورىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ توردا تاماق زاكاز قىلىش شىركىتىنى Yemeksepti بۇ يىل بەشىنچى ئايدا گېرمانىيەنىڭ ئوخشاش ساھەدىكى «تېز يەتكۈزۈش قەھرىمانى» شىركىتى 589 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، Yemeksepti نىڭ خوجايىنى نېفزات ئەدىن 27 مىليون دوللار چىقىرىپ ئىلگىرى ئۇنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن 114 خىزمەتچىسىنى مۇكاپاتلىغان. ئەدىننىڭ دېيىشىچە، خەۋەرنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى خىزمەتچىلەر ھاياجاندا ياش تۆككەن، بەزىلەر ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كەتكەن. خىزمەتچىلىرىگە پۇل بۆلۈپ بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىز مۇۋەپپەقىيەت قازانساق، ئۇ بىزنىڭ بىرلىكتە تىرىشقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى، مەن بىر ئادەمنىڭ ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved