رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي تەرەپتىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار 19- يانۋار:«تۈركىيە سومالىدا ھەربىي بازا تەسىس قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، تۈركىيەنىڭ مەقسىتى سومالى ۋە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلەرنى تېررورلۇققا قارشى مەشىقلەندۈرمەكچى»دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇندىن بۇرۇن تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى، ئەنقەرە بىلەن دوھانىڭ قاتاردا ھەربىي بازا قۇرۇش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر بازىنى سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشوغا تەسىس قىلىش پىلانلانغان. تۈركىيە بىلەن سومالىنىڭ ئىمزالىغان كېلىشىمى بويىچە، بىرىنچى باسقۇچتا 200 نەپەر تۈركىيەلىك مەشقاۋۇل سومالىنىڭ 1500 نەپەر ئەسكىرىنى ئەسەبىي تەشكىلات «ياشلار پارتىيەسى»گە زەربە بېرىشكە مەشىقلەندۈرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئەسەبىي تەشكىلات «ياشلار پارتىيەسى»نىڭ سومالىدىكى ھەرىكىتى بىلەن بىلەن خەلقئارادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى باركەن. «ياشلار پارتىيەسى»بىلەن سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قوراللىق تىركەشكەن ھەمدە ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە توسقۇنلۇق قىلغان. 2008- يىلى ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، ھەمدە سومالى چېگراسى ئىچىدە جاز يۈرگۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved