بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەيلى
ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلىق پىسخولوگ تورانىس ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق يىغىنچاقلىغان:
1. دائىم باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، شەيئىلەرنى كۆزىتىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ.
2. گەپ قىلغاندا ۋە ماقالە يازغاندا تۈرلەرنى سېلىشتۇرىدۇ ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىدۇ.
3. كىتاب ئوقۇش، يېزىش ۋە تەسۋىرلەش ماھارىتىنى ياخشى ئىگىلەيدۇ.
4. نوپۇزلۇقلارغا رىقابەت ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
5. ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، شەيئىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلايدۇ.
6. شەيئىلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
7. ئۆزى بايقىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
8. شاۋقۇنلۇق، قالايمىقان مۇھىتتىمۇ زېھنىنى يىغىپ ئىش قىلالايدۇ.
9. بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقالايدۇ.
10. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
11. ئىشلارغا قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ.
12. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەسىلىلەرنى بايقاش ئۇسۇلى بولىدۇ.
13. نەتىجىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم بۇ مۆلچەرنىڭ توغرىلىقىنى تىرىشىپ ئىسپاتلىيالايدۇ .
14. دىققىتى چېچىلىپ كېتىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ.
15. ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سوئال سوراش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزى بىلگەن شەيىئىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئادەت قىلغان.
16. ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ.
17. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكىنى كۆپ تەرەپتىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن.
‹‹بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم›› دېگەندەك مول ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاشكارا ھازىرلىغان ياكى يوشۇرۇن ھازىرلىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇستازلار پەرزەنتلىرىنى يېتەكلەشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، مول ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. چۈنكى ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنى تەربىيەلەش بۈگۈنكى مائارىپىمىزنىڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە تەقەززاسى.
11-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
|
 |
مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك.
...
|
 |
ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
|
 |
سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
|
 |
چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قان قەن...
|
 |
بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
|
 |
شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
|
 |
ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
|
 |
باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مېھىر–مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.
مېھىر–مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ساپ ئەقى...
|
 |
ئاۋسترالىيىلىك مۇتەخەسىسلەر يېقىندا 30 مىڭ ئادەمنى 23 تۈر بويىچە تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق بىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى: ئىزچىل بەدەن چېنىقتۇرۇش بەل ئاغرىقىغا ئۈنۈم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا بول...
|