خېشۈن تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتىچىسى 5- مارت ئىپادە بىلدۈرۈپ: خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئوربىتىسى پىلان بۇيىچە تەڭشەلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىچە ئوچۇش ئېگىزلىكىنىڭ 1.5 كىلومېتىر ئېگىزلىتىلىپ، يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 405.2 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئەرباب يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئوربىتىنى تەڭشەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، « ئىلگىرىلەش M-29M » ناملىق ترانسپورت ئالەم ئايروپىلانىنىڭ موتورى تەخمىنەن 8 مىنۇت ھەرىكەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئوچۇش ئوربىتىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 كىلومېتىر ئېگىزلىتىلىپ، 405.2 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلدى. خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئۇچۇش ئوربىتىسىنى ئېگىزلىتىش بوشلۇق پونكىتىنىڭ 3- ئاينىڭ 19- كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغان «ئىتتىپاق TMA-20M » ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved