رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب

نۇر تورى تەرجىمىسى: سۈرىيە خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، سۈرىيە بەشار ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى سىياسىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كېڭىشىۋاتقان پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەت سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق ۋەزىيىتىدىن بىر ئاز ئۈمىد كۈتۈۋاتقان چاغدا، رۇسىيە تۇيۇقسىزلا سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكىنى بەلگىلىك قارشى ئالغان بولسىمۇ، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى خاس ۋەكىلى دې مىستۇرا «رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى سۈرىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا قاراپ ئېلىنغان ‹مۇھىم ئىلگىرىلەش›» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ بۇنچە تۇيۇقسىز ئەسكەر چېكىندۈرۈشى يەنىلا كىشىلەرنى ئىنتايىن گاڭگىرىتىپ قويدى.

ئەگەر ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن ئانالىز قىلساق، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىنى 2015- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەينى چاغدا رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم «پىدائىي» ئەسكەرلىرى بىۋاسىتە سۈرىيەنىڭ جەڭگاھىدا پەيدا بولۇپ، بىر قانچە مەخپىي ۋەزىپە ۋە يەر ئۈستى ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. 2015- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، رۇسىيە بىۋاسىتە ھاۋا ئارمىيەسى چىقىرىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشتى. رۇسىيەنىڭ ھەربىي قوللىشى ئەينى چاغدىكى سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ھەربىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيە جەڭگاھىغا ھەربىي جەھەتتىن بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئويلاشقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىدا، بەشار ھۆكۈمىتىنىڭ رايونلۇق سىياسىيدا غەرب كۈچلىرىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىشتىن سىرت، يەنە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ خالىغانچە كېڭىيىشىگە قارىتا ئەندىشىسىمۇ بار. «ئىسلام دۆلىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشقۇن تەشكىلاتلار كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاشقۇن ئىدىيەلىك مۇسۇلمانلارنى كۆپلەپ توپلىماقتا، ئەگەر بەشار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا يول قويسا، كەلگۈسىدە رۇسىيەنى ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلغان ئاشقۇن تەشكىلاتلار چەتئەلدە ئىنتايىن ياخشى بىر لاگىرغا ئېرىشىپ، رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بەشار ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ سۈرىيەدە داۋاملىق يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رۇسىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدىكى ئالدىنقى ئويلىنىشتۇر.

رۇسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشى يەنە ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەتتا ئامېرىكا ۋە ئەتراپتىكى ئىسرائىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيان بىر قەدەر زىچ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئالاقىسىمۇ بىر قەدەر راۋان، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە سۈرىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسمى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، شۇڭا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىيدىكى ئۇرۇش رايونىدا زىيادە جىددىيلىك پەيدا قىلمىدى؛ گەرچە تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ،ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ساھەلەردە ئەپلىشىپ قالدى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ كۆلەمدە قىزىرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ھەمدە ئىران، لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيەسى قوراللىقلىرى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈزلۈكسىز قايتۇرما زەربە بېرىشى بىلەن، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشتى. 2016- يىلى 1- ئايدا، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەلەب ئەتراپىدا، سۈرىيە كۇرد خەلق مۇھاپىزەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تەرەپتىن قىستىشى ئاستىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەلەبتىن تۈركىيە چېگرىسىغا تۇتىشىدىغان تەمىنات لىنىيەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلدى. لاتاكىيەدە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رۇسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ياردىمىدە، تۈركىيە چېگرىسىغا تۇتىشىدىغان تاغدىن باشقا، لاتاكىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى دېگۈدەك قايتۇرۇۋالدى.

ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكتە تۇرۇش رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش رۇسىيە، سۈرىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى ئويىنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، رۇسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇلىرى بار.

سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، گەرچە «ۋەتەننى قوغداش»، «ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەشۋىقات ۋە ئامىللار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئويى يەنىلا ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بەشار جەمەتىنىڭ ھوقۇقخۇمارلىقىدۇر. ئەگەر سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئەسلەپ باقساق، گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بەشار ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار مەسىلىلەردە بولۇپمۇ سۈرىيە كرىزىسى پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە پەيدا بولغان بىر قىسىم مەسىلىلەردە قوللانغان تەدبىرىنىڭ ئوڭۇشسىز بولۇشىغا ئەمەلىيەتتە بەشار جەمەتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى شەخسىي غەرىزى سەۋەبچى بولغان.

ئىچكى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى جەھەتتە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى سۈرىيەنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى قايتىدىن كونترول قىلىپ، ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپنى تۈگىتىش؛ ئىران ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈرىيەنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە ۋەكىلى بولسا، بۇنىڭ بىخەتەرلىك كوئېففېنسىتى يارىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن «ئورتاق تونۇش ھۆكۈمىتى» گە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى.

ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا، ئوبيېكتىپ ئەمەلىي كۈچتىن قارىغاندا، ئىران ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىشىدىمۇ بەلگىلىك تۆۋەن چەك بار. لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى يېقىندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ زور بېسىمىغا ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سۈرىيە جەڭ مەيدانىدىكى ھەرىكىتىمۇ لىۋاننىڭ دۆلەت ئىچىدە غايەت زور سىياسىي بېسىمغا ئۇچرىدى؛ ئىران 2012- يىلى بىۋاسىتە ئەسكەر ئەۋەتىپ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشقاندىن بۇيان، ئاز دېگەندىمۇ 400 ئادىمى سۈرىيەدە ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ئىران بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ سۈرىيەدىكى ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئازايتماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراق ۋە ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىدا شىئە مەزھىپىدىكى قوراللىق كىشىلەرنى توپلاپ، ئىراننىڭ ھەربىي ئىشلار خادىمى سۈپىتىدە سۈرىيەگە ئەۋەتتى. بۇنداق ئەھۋالدىن ئىراننىڭ دۆلەت ئىچىدە سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئۈچۈن تۆلەنگەن زور كۆلەملىك ئۆلۈش- يارىلىنىشقا قارىتا نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى جەڭگاھتا ئەۋزەللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن خۇسۇسىي غەرىزى شەكىللىنىشكە باشلىدى. يېقىندا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 4- ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولۇشتىكى ھەقىقىي غەرىزى سۈرىيەدىكى باشقا ئۆكتىچى سىياسىي گۇرۇھلارنى كەلگۈسىدىكى يادرولۇق سىياسىي چەمبىرەكتىن سىقىپ چىقىرىشتۇر. گەرچە رۇسىيە بۇنىڭغا قارىتا ئاشكارا سورۇندا ئارتۇقچە قارشى تۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاستىرىتتىن سۈرىيەگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا، رۇسىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىن ئۇلارنىڭ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىدىن نارازىلىقى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى يۇۋاشلىق بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاش مەقسىتى ئەكس ئەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيە پۈتۈنلەي ئەسكەر چېكىندۈرگىنى يوق، بىر ھەربىي بازا ھەمدە بىر قانچە ھەربىي ئىشلار خادىمى ۋە جابدۇقلارنى قالدۇرۇپ قويدى، بۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى مەلۇم ۋاقىتتا سۈرىيەگە قايتىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى، سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى نامايان بولدى. رۇسىيەگە نىسبەتەن، ئۇلار سۈرىيەدىن تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تېخىمۇ ئىستەيدۇ. شۇڭا ئىران، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا، رۇسىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.

رۇسىيەگە نىسبەتەن، مۇقىم، ئىتتىپاق ۋە دىندىن خالىي سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلىك سىياسىي مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. رۇسىيە ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق مۇساپىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، شۇڭا كەلگۈسىدە سۈرىيەنىڭ تىنچلىق پۇرسىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
          ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا قىززىق ئىشلار كەم ئەمەس، بىراق ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ قىزىنى قورقۇنچلۇق دۇنيا ئىچىگە ئېلىپ كىرمەيدۇ. بىراق تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرسىڭىز يۇقارقى گەپنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىس...
13-05-2016
        مىسىر يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى فىرئەۋىن تۇتانكامۇننىڭ قەبرىسى ئىچىدە، ئىككى نەپەر ئايرىم-ئايرىم 25 ھەپتىلىك، 37 ھەپتىلىك بوۋاق مومىيا بار، بىراق ئەڭ ياش مومىيانىڭ خاتىرىسى بولسا ئارانلا 18 ھەپتىلىك ھەم تۇغۇلم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، جەنۇبىي غەززا رايونى، غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىسىردىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، مىسىر ئۈچ ئايدىن بۇيان رافا چېگرىسىنى تۇنجى قېتىم ئ...
13-05-2016
  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 12-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەلى بابانىڭ ئالدىنقى ئايدا «خەلقئارا ساختا مالغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى» (IACC)غا كىرىش ۋەقەسى داۋاملىق كەسكىنلەشكەن. IACC مۇدىرىيىتى 11-ماي نامەلۇم ئېلخەت تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، I...
13-05-2016
        ئاۋسترالىيە كىۋېنسلاند ئوبلاستى جياڭلىڭ ئارىلى ئەتراپىدا، 11-چېسلا چوڭ تىپتىكى سودا كۆرگەزمە كېمىسىدە تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، كېمىدىكى 42 نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى دېڭىزغا سەكرەپ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغان، ئۇ...
13-05-2016
       شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا ئارىزونا شىتاتى سۇمۇرغ شەھىرى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيىلىك ئايروپىلان «قۇياش ئېنىرگىيسى 2-نومۇرلۇق» ئامېرىكىنىڭ سۇمۇرغ شەھىرىدىن ئوكلاخوما شىتاتىغا ...
13-05-2016
       تېڭشۈن تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈندىدار سالونى باشقۇرۇش قاتلىمى دوكلات ئېلان قىلى، پىتنە-پاساتلارنى تۈزەش نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى.       ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلان...
13-05-2016
      12-ماي، فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر شەھەردە گاز تۇڭىغا ئوت كېتىپ پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلىپ، بىر نەچچە ئادەم يارىلانغان.      فرانسىيە ئاخبارات-تېل...
13-05-2016
        ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ماي، سۈن يىرۇ (ئاھاڭ تەرجىمىسى Yiru Sun) ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولۇپ، قارىماققا خۇددى توي قىلىدىغان گۈزەل كېلىنگە ئوخشايتتى. ھالبۇكى، ئۇ ك...
13-05-2016
        2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو–ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى خۇسۇسىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئىچىلدى، بۇ قېتىملىق يەرمەنكە ئ...
Powered by Leglek