چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى باش ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا ھەر قاچان ئەڭ كۈچلۈك ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابى چاۋشيەننىڭ شۇ جاي ۋاقتى 15-ئاۋغۇست «ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتى» ئارقىلىق بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن قىسقا مۇساپىلىك بىر جىسىمنى قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى سۈرەتنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېيتقان. كورىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى: ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بۇ قېتىم ئۇچار جىسىمنى ئاشكارىلىشى ئىلگىرى ئېلان قىلغان سۈرەتلەردىن پەرقلىنىدۇ، بۇ قېتىمقىسى يېڭىچە قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىم دەپ ھېسابلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved