كىيوتوئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيەسى چىبا شەھىرىگە جايلاشقان «چىبا راك كېسەللىكلىرى مەركىزى» گە ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان 30 ياشلاردىن ئاشقان بىر ئايال تەكشۈرتىشكە كەلگەن ، شۇ كۈنى يەنە 50 ياشلاردىن ئاشقان بىربىمارمۇ تەكشۈرۈتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «جىددىي خاركتېرلىك سۈت بېزى راكى» دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
ئويلىمىغان يەردىن دوختۇرخانا بۇ ئىككى بىمارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان، نەتىجىدە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر يىنىك بولغان 30 ياشلاردىن ئاشقان ئايالنىڭ ئوڭ كۆكسى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن.ئوپىراتسىيەنىڭ خاتا قىلىنغانلىقى يېرىم ئايدىن كېيىن بايقالغان. دوختۇرخانا بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved