ماركا قىممىتىنى باھالاشتا يەكەن بادىمى ماركىسى دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ( گۈل-گىياھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈرىدىكى جۇغراپىيىلىك بەلگە مەھسۇلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن داڭلىق ماركا بولۇپ باھالاندى، ماركا كۈچلۈكلۈكى 854، ماركا قىممىتى 7مىليارد 95مىليون يۈەن بولدى، ھەمدە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى، خەلقئارا ماركا تورى ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىغا ئېلان قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 2012- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ھاۋالە قىلىپ جۇڭگو داڭلىق ماركا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە - ئىقتىساد قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، جۇڭگو مۈلۈك باھالاش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ماركا باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، مۇنبەر، سۆھبەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ماركا قىممىتىنى باھالاشتا سانلىق مەلۇماتقا نومۇر قويۇش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئۆزگەرمەس مۈلۈك، سۈپەت، مۇلازىمەت، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە شەكىلسىز مۈلۈكتىن ئىبارەت بەش تەرەپتتىن 21 دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ، كۆپ دەۋرىيلىك نورمىدىن ئاشقان پايدا ئۇسۇلى ياكى ئۆرلىگەن باھا ئۇسسۇلىنى قوللىنىپ ئىلمىي باھا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن داڭلىق ماركا كۈچى كوئېففىتسېنتى ۋە ماركا قىممىتىنى پۈتۈن يەر شارىغا ئېلان قىلغان.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved