جاڭ چۈنشيەن خوتەن ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرمەكتە

يېڭى ئەھۋاللارغا ماسلىشىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەركەزنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

 

 

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 11 – سېنتەبىردىن 13 – سېنتەبىرگىچە خوتەن ۋىلايىتىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ، دېلودىن ئالغان ساۋاقلارنى ئەستە ساقلاپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

 


ھەر مىللەت خەلقى بىللە ئولتۇراقلىشىپ، ئورتاق بېيىشى كېرەك

 


جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالدى بىلەن خوتەن ناھىيەسىدە قۇرۇلۇۋاتقان ئىناق يېڭى كەنتىگە كېلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە ئولتۇراقلىشىشى بويىچە سىناق نۇقتا قىلىنغان ئورۇننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى ئالدى بىلەن سىناق قىلىپ، يەر ئاستى سۈيى مول 6700 مو قۇملۇق رايوننى ئاجرىتىپ، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئولتۇراقلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىناق يېڭى كەنتى قۇردى. ھازىر يېڭى كەنتتىكى 600 يۈرۈش ئۆي ۋە 600 پارنىكتا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىردىن پارنىكى، بىردىن ھويلا – ئارامى ۋە بەش مودىن مېۋىلىك بېغى بولىدۇ، كەنت ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ.


گەرچە قۇرۇلۇش پۈتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئەتراپتىكى يېزا – بازارلاردىن 6000 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئائىلىسى ۋە 700 دىن ئارتۇق خەنزۇ دېھقان ئائىلىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىلتىماس قىلدى. تاللانغان دېھقان ئائىلىلىرى بۇ يىل يىل ئاخىرىدا يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كېلىدۇ.


پارنىك قۇرۇلۇش ئورنىدا، جاڭ چۈنشيەن ئەتراپتىكى بىر نەچچە يېزىدىن مەخسۇس ئۆي كۆرگىلى كەلگەن دېھقانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. دېھقان كېبىر رەجەپ: بىز ھەممىمىز بۇ يەردىن بىر يۈرۈشتىن ئۆي ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدۇق، يېڭى كەنتتە ئۆي ناھايىتى ياخشى سېلىنغان بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىشىك ئالدىدا كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، دېدى. دېھقان مۇھەممەد ئەلى ئىمىن: خەنزۇ دوستلار پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشكە ماھىر، ئۇلاردا تېخنىكا بار، كېيىن يېڭى كەنتتە بىللە ئولتۇرساق، تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ تەڭ بېيىيمىز، دېدى.


جاڭ چۈنشيەن: ئىناق يېڭى كەنتنى قۇرۇش خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى تەدبىر. خوتەن ۋىلايىتى بۇ خىزمەتنى ئىشلەشتە ياخشى قەدەم تاشلاپ، ‹‹ھەر مىللەت خەلقىنى بىرلىكتە ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش››تە يېڭى يول تېپىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، دېدى.


جاڭ چۈنشيەن 11 – سېنتەبىر كەچتە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش جەھەتتىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.


جاڭ چۈنشيەن 13 – سېنتەبىر چۈشتە يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، قىسمەن ناھىيە، يېزىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ، دېلودىن ئالغان ساۋاقنى ئەستە ساقلاپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

 


‹‹يېغىڭ ئۆزۈڭدىن بولسا، ئېشىڭ ئوخشار››

 


جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلاردا ‹‹يېغىڭ ئۆزەڭدىن بولسا ئېشىڭ ئوخشار›› دەيدىغان ماقال بار، بىز يېڭى ئەھۋاللارغا ماسلىشىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەركەزنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىشىمىز كېرەك. خوتەننىڭ ئەمەلىيىتىدىن بىز تۆۋەندىكى بىر نەچچە يەكۈن چىقىرالايمىز: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۈشىنىش، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىمىز، پاسسىپلىق قىلىپ ساقلاپ تۇرماسلىقىمىز، پاسسىپ ھالدا ئەپلەپ – سەپلەپ ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك؛ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىقىش قىلىپ، مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىشىمىز، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىشىمىز، قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ئەگىپ ماڭماسلىقىمىز كېرەك؛ پۇختا خىزمەت ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

 


ئامما تىررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ

 


جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئامما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زوراۋان – تېررورچىلارنى بىرلىشىپ قورشاپ تۇتۇشتا نۇرغۇن تىپلار مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكى تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى: بىرىنچى، تەشۋىق – تەربىيە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋان – تېررورچىلارغا بولغان تونۇشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىككىنچى، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ ئۈچىنچى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئامما زور تەربىيە ئالدى؛ تۆتىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا قاتناشقان ئاممىنى ۋاقتىدا مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى قوزغىتىلدى؛ بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئەلرايىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.


جاڭ چۈنشيەن ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ مەنبەدىن تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، دېلودىن ئالغان ساۋاقلارنى ئەستە ساقلاپ، خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

 


جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹تۆت تۈرلۈك تەلەپ››نى توغرا ئىگىلەش كېرەك:

 


بىرىنچى، باش نىشاننى چۆرىدەش كېرەك. يەنى ‹‹ئۈچتە قەتئىي›› بولۇش كېرەك، بۇ جايلار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا كۈچلۈك تەلىپى.

 


ئىككىنچى، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىش كېرەك. يەنى ئىدىيەۋى تونۇش، خىزمەت تەدبىرلىرى جەھەتتە كەمچىلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلە ۋە يوچۇقلارنى بايقاپ، ئاجىز ھالقىلار ۋە خەتەرلىك نۇقتىلارنى تېپىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

 


ئۈچىنچى، دېلودىن ئالغان ساۋاقلارنى ئەستە ساقلاش كېرەك. يەنى خىزمەتلەرنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە كۆزلەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەقىقىي قارىتىش، ئېغىزدىلا توۋلاپ قويماسلىق كېرەك. قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش ۋە زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كەيپىياتىنى چەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا، بازار، كەنتلەرنىڭ خىزمىتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

 


تۆتىنچى، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يەنى، نىشان بەلگىلەش، تەدبىر تۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك.

 


جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خوتەننىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك. ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەرنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى كۆپلەپ ھەل قىلىپ، شۇ جايدىكى بازارلىق تۈرلەرنى قايتا رەتلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

يېزا ئىگىلىكىنى ياخشى تۇتۇپ، قۇملۇقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەر ئاستى سۈيى نورمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر قىسىم ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تۈرى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تۈرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى كۆپلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، شيۇڭ شۇەنگولار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

 



16-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek