جېكسون رولىغا ئارتىس تاللاش ھوللىۋودتا ئىرقى تالاش-تارتىش تېمىسى قوزغىدى

 ئوسكارنىڭ ئاقلىشىش دولقۇنى ئەزەلدىن تىنىچلانمىدى، يەنە بىر خەۋەر ھوللىۋودتىكى ئىرقى تالاش-تارتىش تېمىسى ئوتى ئۈستىگە ياغ چاچتى. «مۇھاپىزەتچىلەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك ئارتىس يوسىف فىنېس پوپ شاھى مايكول جېكسوننىڭ رولىغا تاللاندى، گەرچە بۇ پەقەت جېكسون ۋە ئېلىزابىت تايلور ھەم مارلون براندونىڭ 911 دىن كېيىنكى نىيويوركتىن قېچىش ۋەقەلىكىنى بايان قىلىدىغان كىنو بولسىمۇ، ئەمما ئاق ئارتىس ئافرىقان ناخشىچىنىڭ رولىنى ئالىدىغانلىقتىن يەنە قايتا ئامېرىكا جەمىيىتىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ ۋاقتىنچە « ئېلىزابىت، مايكول ۋە براندو» دەپ ئىسىم بېكىتىلگەن فىلىمنىڭ ئىلھامى 2011-يىلىدىكى «Vanity Fair» دىكى بىر پارچە ماقالىدىن كەلگەن. ئىگەللىنىشىچە 2001-يىلى «911» ۋەقەسى ھارپىسىدا، جېكسون نىيويورك مەيدىسون مەيدانىدىكى گۈللۈكتە ئويۇن قويۇشنى پىلانلىغان ھەمدە ئېلىزابىت تايلور ۋە مارلون براندونى تەكلىپ قىلغان. ئۇلار نىيويوركقا يىتىپ بارغاندىن كېيىن «911» ۋەقەسىگە دۇچ كېلىپ، ئۈچى قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى نىيويوركقا قاپسىلىپ قالىدۇ، ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ، پەقەت كېيىن ئۈچى بىر ماشىنىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزى ھەيدەپ ئامېرىكىنى ئايلىنىپ، كالفورنىيەگە قايتىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەيدەش سەپىرى ئەڭ ئاخىرىدا ئوكلاخوما شىتاتىدا ئاياقلىشىدۇ. ئىگەللىنىشىچە، بۇ فىلىمدا جېكسون رولىنى يوسىف فىنېس ئالىدۇ، ئېلىزابىت تايلور رولىنى ستوكارد چاننىڭ ئالىدۇ، مارلىن براندو رولىنى برىيان كوكىس ئالىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ راستلىقى دەلىللەشكە ئېرىشمىگەن، تايلورنىڭ بىر نەپەر ياردەمچىسى 911 دىن كېيىن ئۇ ئەمىلىيەتتە داۋاملىق نىيويوركتا تۇردى، يەنە دۇنيا سودا سارىيىنىڭ قالدۇقىنى زىيارەت قىلدى دېگەن.

ئارتىس تاللاش ئۇچۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تىۋىتېر ئابونىتلىرى ھەرخىل تەنقىد پىكىرلەرنى يوللىغان، «ئوسكارنىڭ ئاقلىشىشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ، يوسىف فىنېسنىڭ خەۋىرى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»، «يوسىف دىنېس جېكسون رولىنى ئالماقچى، ئادىللىقنى ئويلاشقاندا چوقۇم دەنزىل ۋاشىنگىتونغا كېيىنكى فىلىمدا مۈشۈك شاھنىڭ رولىنى ئالغۇزۇش كېرەك.»، «چارلى خاننام ئامېرىكا تەۋەلىك مېكسىكىلىق ئېدىگارد ۋالدىسنىڭ رولىنى ئالالايدۇ، يوسىف فىنېس مايكول جېكسوننىڭ رولىنى ئالالايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئىدرىس ئالبا جەيمىس بونىدنىڭ رولىنى ئالالمايدۇ؟»

45 ياشلىق يوسىف فىنېس بولسا «خاررى پوتتېر» ۋە «شىندىلېرنىڭ تىزىملىكى» دە رالىف فىنىېسنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسىنىڭ رولىنى ئالغان، ئىلگىرى 1998-يىلى «شىكىسپىرنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشى» دە شىكىسپىرنىڭ رولىنى ئېلىپ نام چىقارغان، ئۇ يەنە «ئامېرىكا قورقۇنۇچلۇق ھېكايىسى» دە تىموشىنىڭ رولىنى ئالغان.



خەتكۈچلەر:
29-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇر...
11-05-2016
       رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە يۇگۇ شىركىتى ھەر يىلى پۇقرالار ئارىسىدا ئېىپ بارىدىغان «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر تىزىملىكى» نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئ...
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
10-05-2016
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى برۇكلىن يېقىندا پراۋا ئالغان بولۇپ، 4-چىسلا ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چەتئەل ماراقچىلىرى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، برۇ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: لىئوناردو دىكاپىرو قىز دوستى بىلەن جاستىن بىيبېرنىڭ ناخشا كېچىلىكى يىغىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، لىئوناردو يول بويى ماراقچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىرايىنى توسۇپ ماڭغانىدى، كەينىدە بولسا ئورۇق، ئېگىز، ئ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
08-05-2016
    بىر قانچە كۈن بۇرۇن، شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى ئەسلىدە بۇ روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان، كىشىنى بەك تەقەززا قىلغان فىلىم «Raees» نىڭ كېلەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى، يەنى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ب...
08-05-2016
    ئامېرىكا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 3-ماي ئىندىيانا ئىشتاتىدا تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى ترومپ بىر ھەپتە ئىلگىرى شەرقىي شىمالدىكى بەش ئىشتاتنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ي...
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
Powered by Leglek