تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.مىچىگان ئۇنۋېرستىتى تەتقىقاتچىلىر ى بىر يۇمتال لايىھەلىدى. بۇ يۇمتال كىشىلەرنىڭ كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت بېسىش ھالىتىگە قاراپ ئىشلەتكۈچىنىڭ كەيپىياتىنى پەرەز قىلالايدۇ.بۇ يۇمتال ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى بېسىش ھالىتىگە قاراپ ئىشلەتكۈچىنىڭ روھىي ھالىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. كەيپىياتنى توغرا پەرەز قىلىش نىسبىتى ٪70 ئەتراپىدا. ئىچىدە خۇشال كەيپىياتنى ئەڭ ئاسان پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، توغرىلىق دەرىجىسى ٪87 كە يېتىدۇ. ئەڭ قېيىن پەرەز قىلىدىغىنى قايغۇرۇش كەيپىياتى بولۇپ، پەقەت ٪60 توغرا چىقىدۇ.
تەتقىقاتچىلار بۇ يۇمتالنىڭ مۇرەككەپ سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە كومپىيۇتېرنىڭ تېخىمۇ دوستانە ئۇسۇلدا كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەلكىم كەلگۈسىدە كومپىيۇتېر سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز بويىچە سىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېلانلارنى ئەۋەتىپ بېرىشى مۈمكىن؛ ھەتتا سىز كىنو كۆرۈشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزلىكىدىن سىزگە كىنونى تېپىپ بېرىشى مۈمكىن. چۈنكى كومپىيۇتېر سىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاللىقاچان تۈزۈپ بولغان بولىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved