مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 12-مايدىن باشلاپ بەش يىلدىن يۇقىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى %4 تىن %3.75 كە تۆۋەنلىتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 11-مايدىن بۇرۇن تارقىتىلغان (11-ماينى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بىر يىللىق ۋە بىر يىلدىن يۇقىرى شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى 11-مايدىن كېيىن يەنىلا ئەسلىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدىكەن، كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تەڭشەلگەن قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ئىجىرا قىلىنىدىكەن؛ 11-مايدىن كېيىن (11-ماينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تارقىتىلغان شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز بىۋاستە يېڭىدىن تەڭشەلگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجىرا قىلىنىدىكەن. سودا قەرز پۇلى جەھەتتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر يىللىق قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ئەسلىدىكى %5.35 تىن %5.1 گە تەڭشەلگەن. بەش يىلدىن يۇقىرى قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ئەسلىدىكى %5.9 تىن %5.65 كە تەڭشەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved