پۇتىن ئىرانغا ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ئەسۋابلىرى تەمىنلەشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى

     شۇ يەر ۋاقتى 23-نويابىر، روسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 8 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىراندا زىيارەتتە بولدى. ئوخشاش بىر كۈنى روسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ پۇتىننىڭ ھۆججەتكە ئىمزا قويۇپ، ئىرانغا ئۇران قۇيۇقلاندۇرۇش ئەسۋابلىرى تەمىنلەشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.  روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى پۇتىن تېھرانغا يېتىپ بېرىپ، شۇ كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن تەبئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر مۇنبىرىگە قاتناشتى. بۇ 2007-يىلى پۇتىن ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن كاسپىي دېڭىزى قىرغىقى دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 8يىل ئۆتۈپ ئىراندا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ قالدى. پۇتىن روسىيەنىڭ شەرق دۆلەتلىرىگە بولغان تەبئىي گاز ئېكىسپورتىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ جۇڭگو، ھىندىستان ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان تەبئىي گاز ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

   ئىران 2003-يىلنىڭ بېشىدا، ئىران چېگرىسى ئىچىدە ئۇران كېنى بايقىغانلىقىنى ھەمدە ئۇراننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال كېلىشتۈرۈشى بىلەن، ئىران 2003-يىلى 12-ئايدا «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى. 

   2006-يىلى 1-ئايدا ئىران توختىتىلغىلى ئىككى يىل بولغان يادرو يېقىلغۇسى تەتقىقات خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى ھەمدە ئون نەچچە يىللىق جازالىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىل 7-ئايدا، ئىران بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنادا تارىخىي كېلىشىمدە بىرلىككە كەلدى. بۇ كېلىشىم ئىران يادرو پىلانىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى كاپالەتلەندۈردى. كېلىشىمنىڭ پۈتۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىران ئۇچرىغان ھەرخىل جازالارمۇ تەدرىجىي بىكار قىلىنىشقا باشلىدى.

  



خەتكۈچلەر:
25-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
Powered by Leglek