شىنجاڭدىكى بىر تۈرمىدىن قېچىپ كەتكىنىگە 11 يىل بولغان جىنايەتچى تۇتۇلدى

      1993-يىلى شىنجاڭدىكى بىر تۈرمىدىن قاچقان ليۇ جياڭخۇا، 2015-يىلى 3- ئايدا شىنجاڭ قۇمۇل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى تەرپىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن. پېڭبەي خەۋىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ليۇ جياڭخۇانىڭ قېچىش دېلوسىغا 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سوراق قىلىنىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ليۇ جياڭخۇا قېچىش جىنايىتى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەننى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھەمدە ئەسلىدىكى يۈرگۈزىلىدىغان جازا مۇددىتى بىلەن قوشۇپ، مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلغان.

      بۇ دېلونىڭ ھۆكۈمنامىسىدە كۆرسىتىلىشچە، 55 ياشلىق ليۇ جياڭخۇا 1992-يىلى ئادەتلەنگەن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 3-4 ئەتراپىدا، ليۇ جياڭخۇا بىلەن يەنە بىر گۇماندار گاۋ يەن ( ئۆلگەن ) تۈرمە سىرتىدىكى بىر سېختا قۇيمىچىلىق قىلىپ ئەمگەك قىلىۋاتقاندا، ساقچىلار قارىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ليۇ جياڭخۇا ئىزچىل قۇمۇل، تۇرپان، فۇكاڭ، سانجى قاتارلىق يەرلەردە ئىشلەمچىلىك قىلغان. 1999-يىلى 6-ئايدا، شىنجاڭ بىڭتۈەن 13-دىۋىزىيە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنى قېچىپ يۈرىۋاتقانلار قاتارى ئىچىدە توردا ئىز قوغلاپ تۇتۇشقا باشلىغان. 2015-يىلى 3-ئايدا، ليۇ جياڭخۇا قۇمۇل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى تەرپىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن.

        2015-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قېچىش جىنايىتى بىلەن ليۇ جياڭخۇاغا قارىتا، سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلەش ئەرزى سۇنغان.

      سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، ليۇ جياڭخۇا جازا ئۆتىگەن مەزگىلدە تۆۋە قىلىشنى خالىماي، سېختا ئەمگەك قىلىشتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن، ھەمدە قىلمىشى قېچىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جاۋابكارنىڭ تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايىتىنى ئۆزلۈكىدىن تونۇشى، گۇناھىنى ئەينەن بايان قىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلگەن.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek