جاھان ئاگېنتلىقى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە ئائىت ماشىنا توختىتىش مەيدانى بومبا قاچىلانغان ماشىنا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پارتلاشتا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 24 كىشى يارىلاندى. تالىبان ھەرىكىتى بۇ قېتىملىق ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىنى ئۈستىگە ئالدى. كابۇل ساقچى مۇدىرى ئابدۇرراھمان رەھىمى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا بايانات ئېلان قىلىپ، بىر نەپەر ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقۇچىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە ئائىت ماشىنا توختىتىش ئورنىدا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاتقانلىقىنى، پارتلاشتا 4 نەپەر دۆلەت خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 24 نەپەر دۆلەت خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدار، ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 53 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. پارتلاش سەۋەبدىن ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىناسىغا يېقىن جايدىكى باشقا بىنالارمۇ زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، مىنىستىرلىككە ئائىت 10 ماشىنا ۋە باشقا بىر قانچە ماشىنا ۋەيران بولغان. تالىبان ھەرىكىتى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved