Twitter سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئالىملارغا قارىتا ھەقسىز ئېچىۋەتمەكچى

تىۋىتتېر (Twitter) مىكروبىلوگىدا ھەركۈنى 500 مىليون پارچە ئۇچۇر يوللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. تىۋىتتېر مىكروبىلوگى يىقىندا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى-ئالىملارغا ھەقسىز ئېچىۋىتىشنى قارار قىلغان، بۇ ئارقىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا قارىتا ئىز قوغلاش ۋە مۆلچەرلەش ئېلىپ بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.


مەسىلەن، مىكروسوفىت شىركىتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار تىۋىتتېر مىكروبىلوگىدىكى ھامىلدار ئاياللار ئاشكارىلانغان ھېسسىي-كەيپىيات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تۇغۇتتىن كىيىنكى چۈشكۈنلۈك كېسىلىنىڭ خېيىم-خەتىرىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان يېڭى بىر تۈرلۈك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئامېرىكا گىئولوگىيە ئىدارىسىدىكى خادىملار تىۋىتتېر مىكروبىلوگىنى ئىشلىتىپ، يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىغان رايۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.


تا ھازىرغا قەدەر، نۇرغۇنلىغان نىسپىلىككە ئىگە مەسىلىلەرگە قىزىقىدىغان ئالىملار پەقەت چەكلىك بولغان تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىدىنلا پايدىلىنىپ كەلگەن. گەرچە تىۋىتتېردىكى كۆپ قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىدىغان بولسىمۇ، بىراق، ئالىملار خالىغان ۋاقىتتا بۇ مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تېپىشنى ئارزۇ قىلغان، بىراق، ئۇلار پەقەت تىۋىتتېرنىڭ API ئېغىزى ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پەقەت %1 ئەتراپىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىلا زىيارەت قىلالايدىكەن.


ھالبۇكى، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇنغا قالماي بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن: تىۋىتتېر شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2006-يىلىدىن بۇيانقى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىقاتچى-ئالىملارغا قارىتا ھەقسىز ئېچىۋىتىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تىۋىتتېرنى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدىغان تەتقىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنداق غايەت زور مىقداردىكى سانلىق-مەلۇمات ئامبىرى ئېچىۋىتىلسە، ئالىملار ئۇ ئارقىلىق تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىكەن، تېخىمۇ كونكىرىت مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقالايدىكەن.


تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ يۇقارقى قارارى كىشىنى ھاياجانغا سېلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. تىۋىتتېر ئۆز نۆۋىتىدە ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسىدىن بەلگىلىك پايدا ئالامدۇ-يوق؟ ئابونتلار ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالاپ كېتىشى ناتايىن، شۇنىڭ ئۈچۈن، تىۋىتتېر يولغا قويماقچى بولغان بۇ قارار كىشىلىك ئەخلاققا زىتمۇ-قانداق؟

 


بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋىرگىنىيا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Virginia Polytechnic Institute and State University) كومپىيۇتېر تارقىلىشچان ۋېروس ئېلمى مۇتەخەسىسى Caitlin Rivers ۋە Bryan Lewis قاتارلىق بۇ يىل 2-ئايدا مەخسۇس تىۋىتتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىغا قارىتا يولغا قويۇلغان ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان، ئۇلار ئالىملارنىڭ ئابونتلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-سالاھىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقنى،شۇنداقلا تەتقىقاتنىڭ مەقسىتىنىمۇ سىرىتقا ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.


مەسىلەن، گەرچە ئاممىۋى خاراكتېرلىك بوشلۇقلاردىن ئۇچۇر توپلاش ئەخلاققا زىت كەلمىسىمۇ، شۇنداقلا تىۋىتتېرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئاممىۋى بوشلۇققا تەۋە بولسىمۇ، بىراق، باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا ئۇلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىشنىڭ ئۆزى ئەخلاققا مۇخالىپ كىلىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىيىشىچە، ئالىملار تىۋىتتېر ئارقىلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى قانات يايدۇرغان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى چوقۇم بويسۇنىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىشى كىرەك ئىكەن، پايدىلانغان سانلىق مەلۇمات قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
29-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
نىككېي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەسىپنى قايتا تەشكىللەش چىقىمى توشبانىڭ 3- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مالىيە يىلىدىكى زىيىنىنىڭ 719.1 مىليارد يېن (6.61 مىليارد دوللار) غا يېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياپونىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە بو...
14-05-2016
2016-يىللىق شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇچرىشىش مۇنبىرى 7-ماي كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى، يىگاۋ گۇرۇھى، جىياگۇۋېن پەن-تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ گۈللىنى...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرى يىقىندا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق بايراقدار مەھسۇلات پىلانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان، بۇ ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، 2017-يىلى سامسۇڭ شىركىتى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئويلاپ يېتەلەيدىغان Galaxy S8 تۈرىدىكى ئىككى خىل باير...
14-05-2016
ئەلى بابا گۇرۇھى «خەلقئارا ساختا مالغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى»غا كىرىپ 1 ئايدىن كېيىن قاتتىق تەڭلىكتە قالدى، بۈگۈن (14-ماي) «خەلقئارا ساختا مالغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى» ئەلى بابانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختىتىپ قويدى. ئەلى بابانىڭ ...
14-05-2016
     بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دۆلەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارىغا كىردى。      جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى. تۈنۈگۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت ...
13-05-2016
       ئەلئېھرام گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مىسىر ئالاقە ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرى ياسىر دۆلەتلىك تېلېگراف ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بۈگۈن 4G ئىجازەتنامىسى مەسىلىسى توغرىسىد...
13-05-2016
       nubia يانفونلىرى بۇرۇندىنلا چوڭ ئېكرانلىق ۋە كىچىك ئېكرانلىقتىن ىئىبارەت ئىككى خىل ئۆلچەمدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەنەئىگە ئىگە ئىدى، يېقىندا بازارغا سېلىنغان كىچىك ئېكرانلىق بايراقدار دەرىجىلىك يانفون Z11 Mini ئ...
13-05-2016
       ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، كۆچمە تور ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ پەسىلدە نوكىيا 513 مىليون ياۋرو (...
13-05-2016
     كۆپ ساندىكى iOS ۋە OS X  ئەپلىرىنى ئىشلەش سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالما App Store نىڭ ئەپلەرگە بولغان تەكشۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ھەقىقەتەن كىشنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە. تاكى بۇلتۇرغىچە، App Stor...
12-05-2016
    TechWeb تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى، مەۋھۇم رېئاللىق شىركىتى Oculus سامسۇڭ Gear VR قالپىقىنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنتى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.    Gear VRنى سامسۇڭ بىلەن Oculus شىركىتى بىرلىكتە تەتقى...
Powered by Leglek